ئاسلاننىڭ بېلىق تۇتۇشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
قارا، سېرىق، ئاق ئاسلان،
قارماق ئېلىپ قولىغا؛
بېلىق تۇتماق بولۇشۇپ،
كەلدى دەريا بويىغا.
ئەپلىك جاينى تاللىشىپ،
سالدى سۇغا قارماقنى،
ئۆز كۆڭلىدە كۆزلىشىپ،
كۆپرەك بېلىق تۇتماقنى.
دەريا سۈيى سۈپسۈزۈك،
تۇرار ئىدى تىپتىنچ.
كۈتتى ئۇلار خېلى ۋاق،
كۆرۈنمىدى بېلىق ھېچ.
ئىچى پۇشۇپ ئاق ئاسلان،
بۇ ئەھۋالدىن رەللە بوپ.
قارماق سالدى قايتىدىن،
باشقا جايغا يۆتكىلىپ.
قارا بىلەن سېرىقى،
يۆتكەلمىدى ئورنىدىن.
ئانچە ئۆتمەي قارىسى،
ئىلدى بىرنى بۇرنىدىن.
بۇنى كۆرۈپ ئاق ئاسلان،
باردى ئۇنىڭ قېشىغا.
بۇنداق بېلىق جىق ئىكەن،
دېگەن ئوي كېپ بېشىغا.
قارمىقىنى سالدى ئۇ،
ئالمان - تالمان ئالدىراپ:
- ئەمدى جەزمەن تۇتىمەن، -
دېدى غوڭشىپ، ھاسىراپ.
تۇتۇۋالدى بىر بېلىق،
ئاشۇ پەيتتە سېرىقى.
بۇنى كۆرۈپ ئېقىنىڭ،
قالمىدى ھېچ تاقىتى.
ئۇنداق بېلىق جىق ئىكەن،
دەپ ئويلىدى ئىچىدە.
تاشلاپ يەنە ئورنىنى،
باردى شۇ يان غىپپىدە.
لېكىن بۇندىن كۆپ ئۆتمەي،
يەنە ئورۇن يۆتكىدى.
دەسلەپ بارغان جايىدىن،
بىر تال بېلىق ئوقچۇدى.
بۇنى كۆرگەن ئاق ئاسلان،
باردى دەرھال شۇ ياققا.
تۇتالمىدى بىر بېلىق،
يۈگۈرۈپ ئۇياق - بۇياققا.
قارا بىلەن سېرىقى،
تۇتتى شۇنچە جىق بېلىق.
قايتتى خۇشال ئۆيىگە،
ھاياجانغا تولۇپ لىق