UyghurWiki
UyghurWikiماسالسۇ بىلەن ئۆستەڭ

سۇ بىلەن ئۆستەڭ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى سۇ ئۆزىنىڭ گۈللۈك باغلارغا، بىپايان ئېتىز - دالالارغا ھەم كىشىلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كېتىپ بارغانلىقىنى ئويلاپ، كۆرەڭلەپ ماختىنىشقا باشلاپتۇ: - مەن بولمىسام يەر - زېمىن كۆكەرمەيدۇ، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ، شۇڭا مەن دۇنيادا ئۆز تۆھپەم بىلەن مەدھىيىلىنىشكە ھەقلىق! - ئەي سۇ، - دەپتۇ ئۆستەڭ سۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، - سېنىڭ بايىقى سۆزلىرىڭ توغرا بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنى ھەددىدىن زىيادە ماختىۋەتتىڭ، سېنڭ راۋان ئېقىشىڭ ئۈچۈن مەندەك ياردەمچىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ كېرەك! سۇ ئۆستەڭنىڭ بۇ سۆزىگە قايىل بولماي: - سەن بولمىساڭمۇ ئەركىن ئېقىۋېرىمەن، - دەپتۇ - دە، ئۆزىنى ئۆستەڭنىڭ قاشلىرىغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇپتۇ، قاش ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ، سۇ ھەر تەرەپكە يار ئېلىپ ئېقىپتۇ. ئېتىزلارنى بۇزۇپتۇ، ئۆيلەرنى ئۆرۈپتۇ. بىكاردىن چۆل - جەزىرىلەرگە سىڭىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى سۇغا قارغىش ياغدۇرۇپتۇ... كىشىلەرنىڭ تىل - ھاقارىتىنى تولا ئىشكەن سۇ، شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ماختىنىپ مەنمەنچىلىك قىلماسلىقنى چۈشىنىپ، ئۆستەڭ بىلەن ئىناق ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال