UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاغمىخان بىلەن بۆرە

ئاغمىخان بىلەن بۆرە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى ئاغمىخان دەرەختىن شاختىن - شاخقا سەكرەپ ئويناۋېتىپ يىقىلىپ كېتىپ، دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاۋاتقان بىر چىلبۆرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. بۆرە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ، ئاغمىخاننى تۇتۇۋاپتۇ - دە، ئۇنى يېۋەتمەكچى بوپتۇ. ئاغمىخان بۆرىگە ئۆزرە ئېيتىپ، نىيىتىدىن يېنىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. - ئۇنداق بولسا، سەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم خۇشال - خۇرام يۈرۈيدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم خاپا يۈرۈيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ئاندىن سېنى قويۇۋېتىمەن، - دەپتۇ بۆرە. - بولىدۇ، ئېيتىپ بېرەي، - دەپتۇ ئاغمىخان، - لېكىن مېنىڭ بىر شەرتىم بار. - قانداق شەرت؟ - سەن ئاۋۋال مېنى قويۇۋەتكىن، مەن دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن ئېيتىپ بېرەي، سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ سۆزلىسەم قورققىنىمدىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيدىكەن، - دەپتۇ ئاغمىخان. بۆرە بۇ شەرتكە كۆنۈپ ئاغمىخاننى قويۇۋېتىپتۇ. ئاغمىخان دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن بۆرىگە قاراپ: - ئوبدان قۇلاق سېلىپ ئاڭلا! سىلەر چىلبۆرىلەر ھەسەتخور ھەم زالىم كېلىسىلەر، باشقىلارغا يامانلىق ئويلاپلا يۈرۈيسىلەر، سۇڭا سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلار خۇشال ئۆتمەيدۇ. بىز بولساق ياۋاش، ھېچكىمگە يامانلىق ئويلىمايمىز، شۇڭا بىز ھەر دائىم خۇشال - خۇرام يۈرۈيمىز، - دەپتۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئاغمىخان بىلەن بۆرە | UyghurWiki | UyghurWiki