قەغەز بىلەن قەلەم
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر ئوقۇغۇچى ئىنشا يېزىۋاتقاندا، قەغەزگە قەلەمنىڭ رېڭى تۆكۈلۈپ كەتتى.
- ئەي، بەتقىلىق، سەن ئىزا تارتماي مېنىڭ ئاپئاق يۈزۈمگە قاپقارا شالىڭنى چاچقىنىڭ نېمىسى؟ - دەپتۇ قەغەز.
- خاپا بولما دوستۇم، رەڭنى چاچقان مەن ئەمەس، مېنى تۇتقان قول، - دەپتۇ قەلەم.
بۇ چاغدا قولمۇ ئارىغا چۈشۈپ:
- دوستلىرىم، مېنىڭدە گۇناھ يوق، سىلەردىمۇ گۇناھ يوق، گۇناھ مېنى تۇتقان ئېگەمدە، - دەپتۇ.
- بۇرادەرلەر، ئۇنداق قايناپ كەتمەڭلار، - دەپتۇ ئادەم ئۇلارغا، - بۇ تاسادىپىي بولغان ئىش. ھېچقايسىمىزدا گۇناھ يوق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بىر - بىرىمىزنى تېخىمۇ ئوبدان قەدىرلىشىمىز كېرەك، چۈنكى مەن قولۇم ئارقىلىق، قولۇم قەلەم ئارقىلىق، قەلەم قەغەز ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلىم - پەن شوتىسىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيمىز.