قومۇش بىلەن شامال
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئايلاپ - يىللاپ سۇ دىدارى كۆرمەيدىغان قاقاس چۆللۈكتە، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ، بۈك - باراقسان ئۆسۈپ تۇرغان قومۇشلارغا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ ئۇرۇلۇپ كەتكەن شامال تەئەججۈپ بىلەن سورىدى:
- ئەي قومۇش، تۇرغان جايىڭ بىر قاقاس چۆللۈك ئىكەن، پۈتۈن ئۆمرۈڭدە قانغۇچە سۇمۇ ئىچەلمەيدىكەنسەن، شۇڭا چىرايىڭمۇ ساپسېرىق تۇرىدۇ. بۇ ھالىڭغا ئېچىنمامدىغانسەن؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قومۇشلار بىر - بىرىگە شىۋىرلىشىپ شامالغا جاۋاب بەردى:
- ئەي شامال، ئاڭلاپ قوي، كىممۇ ئۆزى ئۆسكەن دىيارىنى سۆيمەيدۇ؟ بىز ساڭا ئوخشاش ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن، مۇشۇنداق ياشاشنى مىڭ ئەلا بىلىمىز.
قومۇشنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان شامال كۆرەڭلىگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى بولغاي، تۇرغان جايىدىلا قۇيۇنغا ئايلىنىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.