UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاۋاز بىلەن يورۇقلۇق

ئاۋاز بىلەن يورۇقلۇق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئاۋاز مەغرۇر قىياپەتتە، يورۇقلۇققا مۇنداق دېدى: - سېنىڭ مىجەزىڭ بەك ئالدىراڭغۇ ئىكەن. مەن بىر سېكۇنتتا 360 مېتىر ماڭالىسام شۇنىڭغا شۈكرى - قانائەت قىلىمەن، ئەمما سەن بىر سېكۇنىتتا 300 مىڭ كىلومېتر ماڭساڭمۇ، يەنە ئۇنى ئاستا بولۇپ قالدى دەپ، تېخىمۇ ئىلدام مېڭىشقا ئالدىرايدىكەنسەن. سەن شۇنچە ئالدىراش مېڭىپ نېمە ئىش قىلماقچى؟ - ئاغىنە، - دېدى يورۇقلۇق ئاۋازغا، - مەن كەڭ كائىناتنى يورۇتۇش ۋە كىشىلەر قەلبىنى يىللىتىشتا ئەزمىلىك قىلسام بولامدۇ؟ راست گەپ قىلسام، مەن ئالەمگە يورۇقلۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر سېكۇنتتا 3 مىليون كىلومېتر يول ماڭساممۇ، يەنە ئاستىلىق قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ماسال