كۆرەڭ خوراز
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى، بىر خوراز چۆپلۈكتە سەيلە قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئۆزلىرىنى ماختىشىۋاتقان ئىككى چېكەتكىگە ئۇچراپ قاپتۇ. ئاڭلىغۇدەك بولسا، بىر چېكەتكە:
- مەن بىر تۈپ سۆگەتنى يېۋېتىمەن، - دەپتۇ.
- بىر تۈپ دەرەخ قانچىلىك نەرسە! مەن بىر ئېشەكنى يۇتۇۋېتەلەيمەن، - دەپتۇ يەنە بىرى.
ئۇلار گەپ تالىشىپ تۇرغاندا خوراز يېقىن كەپتۇ، چېكەتكىلەر ئۇنى كۆرۈپ:
- مانا بۇ خورازمۇ ئوبدان كېلىپ قاپتۇ، بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ خورازنى يېۋالايلى، - دەپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. خوراز بۇنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ - دە، چەبدەسلىك بىلەن بۇ ئىككى چېكەتكىنى بىر چوقۇپلا يەۋېتىپتۇ.
بۇ ۋەقەنى كۆرگەن بالىلار مۇنداق بىر قوشاقنى توقۇپتۇ:
چېكەتكە، چېكەتكە،
چىكىلدايدۇ، تاقلايدۇ.
ھالىغا ھېچ باقماستىن،
ئۆز - ئۆزىنى ماختايدۇ.
خوراز كەلسە قېشىغا،
ئېتىلىدۇ يەيمەن دەپ.
خوراز باتۇر ئۇلارنى،
يەم قىلىدۇ بىر ئەپلەپ.
بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان خوراز ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلاپ، قۇرت - قوڭغۇزلارغا نەزەر سالماستىن، بىرلا قېتىمدا ئىككى چېكەتكە يېيىش خىيالىدا يۈرۈپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خوراز چۆپلۈكتە سەكرەپ ئويناپ يۈرگەن بىر چېكەتكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. خوراز بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ بېرىپ، چېكەتكىگە:
- ئەي چېكەتكە، بېرىپ دوستۇڭنى چاقىرىپ كېلىپ بىرلىكتە پو ئېتىڭلار، - دەپتۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان چېكەتكە خورازنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي:
- سەن نېمە دەۋاتىسەن، نېمىشقا پو ئاتىدىكەنمەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- خەۋىرىڭ يوقمىدى؟ ئالدىنقى كۈنى داداڭ بىلەن ئاپاڭ تازا پو ئېتىشىۋاتقانىكەن، ئۇلارنى چوقۇپلا يەم قىلغانىدىم، - دەپتۇ خوراز كۆرەڭلەپ. چېكەتكە ھەيران بولۇپ:
- دادام بىلەن ئاپام ئۆيدە تۇرسا، قانداقمۇ ساڭا يەم بولسۇن؟ - دەپتۇ، ئەمما ئۇ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، - ھە، سەن دەۋاتقان ھېلىقى ئىككى چېكەتكە مېنىڭ ئاتا - ئانام ئەمەس، ئۇ ئىككىسى كىمنى كۆرسىلا خىرىس قىلىپ پو ئېتىپ يۈرەتتى. كېيىن >ئۇلارنى بىر باتۇر خوراز يەپ كېتىپتۇ< دەپ ئاڭلىدۇق، ئەسلىدە شۇ خوراز سەن ئىكەنسەن - دە.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خوراز تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ. ئۇ كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ چېكەتكىگە:
- مېنىڭ باتۇر خوراز ئىكەنلىكىمنى بىلگەن بولساڭ ناھايىتى ياخشى. مەن سېنى چوقۇپمۇ يۈرمەي، سەن ئۆزۈڭ ياۋاشلىق بىلەن ئاغزىمغا سەكرەپ چۈشكىن! - دەپتۇ.
چېكەتكە بۇ سۆزدىن رەنجىپتۇ ھەمدە خورازغا:
- سەن تولىمۇ مۇتتەھەم ھەم مۇغەمبەر بىر نېمە ئىكەنسەن! مەن نېمىشقا سېنىڭ ئاغزىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاتتىم؟ - دەپتۇ. خوراز غەزەپلىنىپ:
- ھوي ھارامزادە، كارامىتىڭ بولسا، مەن بىلەن ئېلىشىپ باقمامسەن! - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ.
- ئېلىشسام ئېلىشتىم، - دەپتۇ چېكەتكەن. خوراز قاناتلىرىنى پالاقشىتىپ قويۇپ چېكەتكىنى كۆزلەپ قاتتىق چوقۇلاپتۇ، بىراق ئۇنىڭ چوقىلىۋالغىنى چېكەتكە ئەمەس، بەلكى بىر كاللەك لاي بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا چېكەتكە خورازنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ چېكىلداپ سايرىغىلى تۇرۇپتۇ. غەزەپلەنگەن خوراز بېشىنى بۇراپ، ئارقىسىدا تۇرغان چېكەتكىنى يەنە چوقۇلاپتۇ. شۇ ئەسنادا چېكەتكە ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن چىككىدە سەكرەپ، ئۇنىڭ تاجىسىغا قونۇۋاپتۇ ھەمدە بىر جۈپ ئۆتكۈر چىشى بىلەن خۇددى ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك قاتتىق چىشلىۋاپتۇ. خوراز ئاغرىققا چىدىماي تاقلاپ كېتىپتۇ.
خوراز ھەر قانچە قىلىپمۇ چېكەتكىدىن قۇتۇلالماپتۇ. ئاخىر ئۇ ئاغرىققا چىدىماي يىغلاشقا باشلاپتۇ ھەمدە چېكەتكىگە:
- جېنىم چېكەتكىجان، بۇنىڭدىن كېيىن كۆرەڭلىسەم نامەرد بولۇپ كېتەي، قويۇۋەتكىن مېنى، قويۇۋەتسەڭچۇ، - دەپ يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن چېكەتكە چاققانلىق بىلەن خورازنىڭ تاجىسى ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، چۆپلۈك ئارىسىدا غايىپ بوپتۇ.
بۇ ۋەقەنى بالىلار كۆرۈپ تۆۋەندىكى ناخشىنى توقۇپ چىقىپتۇ:
خوراز دېگەن ماختانچاق،
كۆرەڭ ھەمدە قورقۇنچاق.
چېكەتكىدىن قورقۇپتۇ،
ئاللا - توۋا ئوقۇپتۇ.
خوراز بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خىجىل بوپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە چېكەتكە كىچىك بولسىمۇ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ مېنى يىغلاتقۇدەك كارامىتى بار ئىكەن، - دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خوراز چېكەتكىنى يادىغا كەلتۈرسىلا تاجىسى زىڭىلداپ ئاغرىغاندەك بولىدىكەن - دە، ھەر قانداق ئورۇندا مەغرۇرلانمايدىغان، كۆرەڭلىمەيدىغان بوپتۇ.