UyghurWiki
UyghurWikiمائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەرئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمى

ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمى

مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر ئىلمىي ئۇنۋان بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك تەربىيە ئالغانلىقى، بىلىمىنىڭ قانچىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنىڭ نامىدۇر. ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان كالاۋر، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن كەسپىي ئۇنۋان ئوخشاشمايدۇ. كەسپىي ئۇنۋاندا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئادەمنى ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن تەكلىپ قىلىدۇ، كەسپىي ئۇنۋان ھەرقايسى ساھەلەردە ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپلەردە پروفېسسورلۇق، لىكتورلۇق ئۇنۋانلىرى بولىدۇ، پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرىدا تەتقىقاتچى، ياردەمچى تەتقىقاتچى كەسپىي ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. زاۋۇت - كارخانىلاردا ئىنژېنېر، بوغالتىر، تېخنىك قاتارلىق كەسپىي ئۇنۋانلار بولىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ئۇنۋاننى پەقەت مەكتەپ ياكى پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرىلا بېرەلەيدۇ، كەسپىي ئۇنۋاننى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېكىتسە بولىدۇ، ھەممىسىنىلا مەكتەپ ياكى پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتىنىڭ بېرىپ كېتىشى ناتايىن. ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر باكلاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر يەنە ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئوقۇپ، بىرەر چەت ئەل تىلىنى پىششىق ئىگىلەپ، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ماقالىسى باھالاشتىن ئۆتسە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلار ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر يەنە ئۈچ - تۆت يىل ئەتراپىدا ئوقۇپ، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى تاماملاپ، ئىككى خىل چەت ئەل تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىدە ئىجادىي نەتىجە يارىتالىسا ھەمدە ئىلمىي ماقالىسى باھالاشتىن ئۆتسە، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki