يۇنان تەربىيىسى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
قەدىمكى يۇنان ۋە رىم دەۋرلىرىدە، مۇنازىرىشۇناسلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئۇ سىياسىي، قانۇن جەھەتلەردە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە يۇقىرى قاتلام زاتلىرىنىڭ تەربىيە كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى ئۆلچەشنىڭمۇ مۇھىم ئۆلچىمى بولۇپ قالغان.
قەدىمكى يۇناندا ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرە سەنئىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئەپلاتون قاتارلىق كاتتا پەيلاسوپلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەكرار ئۆگەنگەن ۋە يادلىغان، دائىم داڭلىق مۇنازىرىشۇناسلارنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان، ھەر خىل مۇنازىرە سورۇنلىرى ۋە نۇتۇق يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان. قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىجاد قىلغان «يەتتە سەنئەت» دەرسى (گرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، دىئالېكتىكا، مۇزىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە) كەلگۈسىدىكى مۇنازىرىشۇناسلار چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەرسلەر، دەپ قارالغان.
قەدىمكى رىم دەۋرىگە كەلگەندە مۇنازىرىشۇناسلارنى تەبىيىلەش يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ قالغان. مۇنازىرىشۇناس بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار گرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكا مەكتەپلىرىدە ئۇزاق مۇددەت تەربىيە ئالغان. ئەينى چاغدىكى ئەڭ داڭلىق مۇنازىرىشۇناس، ئىستىلىستىكا دوكتورى كۇنىتلىئانوسنىڭ «ئىستىلىستىكا قائىدىلىرى» دېگەن كىتابى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئوقۇيدىغان دەرسلىك قىلىنغان. بۇ كىتاب كېيىن1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت غايىب بولۇپ كېتىپ، مىلادىيە1415 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ياۋروپادا بايقالغان.
ھەربىر ئۆسمۈر مۇنازىرىشۇناسقا ئايلىنالىشى مۇمكىن، دۆتلۈك ۋە ئىقتىدارسىزلىق ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. لېكىن، ئۇ يەنە ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەرلا ئۇستا مۇنازىرىشۇناس بولۇپ چىقالايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
قەدىمكى يۇنان، قەدىمكى رىم دەۋرلىرىدە نۇرغۇن ياشلار داڭلىق مۇنازىرىشۇناس بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقان. بەزى ئىقتىدارلىق ياشلار بەس - مۇنازىرە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەننىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلىپ، خەلقنى مۇستەبىتلىككە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ قوشۇن باشلاپ يۇنانغا تاجاۋۇز قىلىش ھارپىسىدا، دېموستېنى ئىسىملىك بىر مۇنازىرىشۇناس لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخان ئالدىدا تۇرۇپ جامائەتكە «فىلىپقا قارشى تۇرايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «ماكېدونىيە ئارمىيىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ قەتئىي ھالدا: «دېموكراتىيە ئەنئەنىسىگە ئىگە يۇنانلىقلار مۇستەبىت فىلىپ Ⅱ گە تىز پۈكەمدۇ؟ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە يۇنانلىقلار ياۋۇز تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرالمامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس» دېگەن. بىرەيلەن ئۇنى سەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، خەلقنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىۋاتىسەن، چۈنكى فىلىپ Ⅱ بىزنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆھبەتلەشكىلى كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەندە، ئۇ دەرھال كەسكىن رەددىيە بېرىپ: «فىلىپ Ⅱ ھەممە ئادەم بىلىدىغان قارا نىيەت، ئۇ تېخى يېقىندىلا ماكېدونىيە ئەتراپىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى يۇتۇۋالدى. مەن سىلىدىن سوراپ باقاي، ئۆزلىرى فىلىپ Ⅱ نىڭ يۇنانغا سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى كېلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىدىلا؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىغان، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن. كېيىن ئۇ فىلىپ Ⅱ تەرىپىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىنىپ، جاسۇس بولۇپ كەتكەن. ئاخىرىدا دېموستېنى غەلىبە قىلغان، قۇرۇلتاي ئەھلى ئۇنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ماكېدونىيىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان.