UyghurWiki
UyghurWikiمائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەرئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى

ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى

مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە دەرىجىمۇ دەرىجە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلدار تاللاش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ئورنىتىلغاندىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچە1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئەمەلدارلىققا كۆرسىتىپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى قوللىنىلغان، يەنى ئەمەلدارلار يەرلىكتىن مەركەزگىچە دەرىجىمۇ دەرىجە كۆرسىتىش ئارقىلىق تاللانغان. بۇ خىل تۈزۈمدە كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىقتىدارىغا سەل قارىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچىسىگە پومېشچىك، فېئودال ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى كۆرسىتىلگەن، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارلىققا كۆرسىتىلىش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز بولغان. شۇڭا، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ بۇ تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئەينى چاغدا جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقانلىقى بولۇپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى پۇقرالارغا ئەمەلدار بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. نامرات، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرمۇ ئىقتىدارى بولسىلا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەمەلدار بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. شۇڭا، ئەينى چاغدا بەي جۈيى، خەن يۈي، سۇ شى، ۋاڭ ئەنشى قاتارلىق نۇرغۇن ئىستېدات ئىگىلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ تەرتىپى ھەرقايسى سۇلالىلەر دەۋرىدە ئوخشاش بولمىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھەر يىلى قىشتا باش دىۋان ۋازارىتى (ھۆكۈمەت ئاپپاراتى) ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا مەسئۇل بولغان، بۇ ئۆلكىلىك ئىمتىھان دەپ ئاتالغان. بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يەنە تەكرار قىلغاندىن كېيىن لاياقەتلىك بولغانلىرى مۇناسىپ ئەمەلگە ئېرىشكەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا ئوردا ئىمتىھانى قوشۇلغان بولۇپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلاردىن پادىشاھ بىۋاسىتە سوئال سوراپ ئىمتىھان ئالغان. ئوردا ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولغانلار ئەلىيۇلئەلا، ئىككىنچى بولغانلار ئەلا، ئۈچىنچى بولغانلار ئەۋسات دەپ ئاتالغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى مەھكىمە ئىمتىھانى، يېزا ئىمتىھانى، شىغاۋۇل ئىمتىھانى، ئوردا ئىمتىھانى قاتارلىق بىرنەچچە باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوردا ئىمتىھانىنى ئېلىشقا ئۆلكىلىك ياساۋۇلبېگى مەھكىمىسى مەسئۇل بولغان، يېزا ئىمتىھانىنى پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باش كومىسسىيىلەر ھەرقايسى ئۆلكە مەركەزلىرىگە بېرىپ ئالغان. يېزا ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خەتمەكەردە دەپ ئاتالغان. شىغاۋۇل ئىمتىھانى پايتەختتە ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شىغاۋۇل پىرقىسى مەسئۇل بولغان. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدا ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە موللىلىق دەرسى، دەستۇر شەرھلەش دەرسى، تەشرىپدارلارنى تاللاش دەرسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. ئەمەلدارلىققا تاللاشتا ئاساسلىقى تەشرىپدارلارنى تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش شەرت بولغاچقا، بۇ ئىمتىھان ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن كۇڭزىچىلار كالامى بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ سوئاللىرىنى چوقۇم «ئۇلۇغ تەلىمات، مۇرەسسە - مادارا، مۇھاكىمە ۋە بايان، مېڭزى» دىن ئىبارەت كۇڭزىچىلار كالامى بولغان تۆت كىتابتىن چىقىرىش بەلگىلەنگەن. «نەزمىنامە، نەسرنامە، مۇراسىم قائىدىلىرى، ئەمىنىيە، پالنامە» دىن ئىبارەت كۇڭزىچىلارنىڭ بۇ «بەش نامە» سىمۇ تارىختىكى فېئودال مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدا سەككىز قىسىم بويىچە ماقالە يېزىش ئاساس قىلىنغان. سەككىز قىسىم بويىچە ماقالە يېزىش ئىنتايىن ئۆلۈك بىر خىل ژانىر بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى، شەكلى، ئۇسلۇبى ۋە خەت سانىغا چەك قويۇلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىشىغا ئامال بولمىغاچقا، ئۇلار ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتەلمەي، «تۆت كىتاب»، «بەش نامە» نى پىششىق ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمەي، زېھنىنى سەككىز قىسىملىق ماقالە يېزىشقا قاراتقان. ئاقىۋەتتە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش چەكلىنىپ قېلىپ، ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرى كەينىگە چېكىنىپ، ئىلمىي كەيپىيات سۇسلىشىپ كەتكەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى1906 - يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلغان.
← بارلىق تېمىلار مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر