جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى بىلىم يۇرتلىرى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن بەش دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا جاھان قالايمىقانلىشىپ، مەكتەپلەر خارابلاشقان، ئىلىم - مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان كىشىلەر بىلىم ئالىدىغان جايغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى داڭلىق سەيلىگاھلاردا ئىمارەت بەرپا قىلىپ، توپلىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى بىلىم يۇرتلىرى ئىدى. مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ باسمىچىلىق تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنغان، نەتىجىدە كىتاب بېسىش ئىشلىرى بارلىققا كېلىپ، بىلىم يۇرتلىرى تېخىمۇ گۈللىنىپ، ئەركىن ئىلىم ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولۇپ قالغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرى بىلىم يۇرتلىرى روناق تاپقان مۇھىم مەزگىل بولۇپ، نۇرغۇن داڭلىق بىلىم يۇرتلىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ بىلىم يۇرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىدراكشۇناسلار مۇتالىئە قىلىدىغان مەلۇم بىر ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىلىم - مەرىپەت بازىسى ئىدى، شۇڭا ھەربىر بىلىم يۇرتىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى بار بولۇپ، باشقا بىلىم يۇرتلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئالايلۇق، جۇشى دېگەن ئۆلىما بەيلۇدۇڭ بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇتۇش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ بىلىم يۇرتىنىڭ ئىنتىزامى ئىنتايىن چىڭ ئىدى؛ يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەنلەر مەيلى قايسى ئېقىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چەكلىمىسىز ھالدا بۇ يەرگە كېلىپ ساۋاق ئالالايتتى؛ ئوقۇتۇشتا ئاساسلىقى چوڭ، مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلەتتى.
بىلىم يۇرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي - ئىمارەت سېلىشقا ئوخشاش ئىشلاردا خىراجەتنى ئۆزى ھەل قىلاتتى. كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، داڭلىق ئۆلىمالار ياكى يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار باشقۇراتتى. ئۇلار ئاساسلىقى ساۋاق بېرىش، دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا دائىر ئىشلارغا ئارىلاشمايتتى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار بارلىقىنى ئادەم تەربىيىلەش، كىشىلەرگە ئىلىم - مەرىپەت، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىشكە ئاتىغان بولۇپ، ئىمتىھان بېرىپ ئەمەلدار بولۇشنى تەرك ئەتكەنىدى.
بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئاساس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ۋە دەپتەر، كىتاب خىراجىتىنى بىلىم يۇرتى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش شەكلى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلغان. ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا «تۆت كىتاب، بەش نامە» قاتارلىق كۇڭزىچىلار كالامى ئاساس قىلىنىپ، تارىخ، شېئىرىيەت يانداشتۇرۇلغان. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئۇلار شۇ قەدەر كەسكىن بەس - مۇنازىرە قىلىشسىمۇ، ئوتتۇرىدىكى ئېجىل - ئىناق مۇناسىۋەتكە ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمىگەن. قەدىمكى دەۋردە بالىلارنىڭ ئوردا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان، ئوردا مەكتەپلىرىدە ھەتتا جازالاش ئەسۋابلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرۇپ قويۇلغان، ئەمما بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئەركىن - ئازادە بولۇپ، ئوقۇۋېتىپ باشقا سىنىپلارغا ئالمىشىش، ئوقۇتقۇچىنى تاللاش ھوقۇقى بولغان. يۈكسەك كەسىپ ئەخلاقىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار تېخى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىدىن بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ تۇرغان، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت تولىمۇ چوڭقۇر بولغان.
بۇ خىل بىلىم يۇرتلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ گاھىدا تازا روناق تاپقان، گاھىدا بولسا خارابلىشىپ پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە شۇ تەرىقىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشقان.