جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋر مائارىپى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
قەدىمكى جۇڭگودا قەغەز بولمىغانلىقتىن، دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكى يوق بولۇپ، ئۇستازلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىلىم بېرىش ۋە بىلىم ئېلىش پۈتۈنلەي سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئارقىلىق ئورۇندىلاتتى. ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن كۇڭزىچىلار كالامى بارا - بارا ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ چاغلاردا خەتلەر بامبۇك تاختىغا ئويۇلىدىغان بولغاچقا، بەك قۇلايسىز ئىدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئىگىرىلگەن يىپەككە يېزىلىدىغان كىتاب بارلىققا كەلدى، لېكىن يىپەك بەك قىممەت بولغاچقا، ئۇنى پەقەت ئوردىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىلا ئىشلىتەلەيتتى.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە باسمىچىلىق تېخنىكىسى كەشىپ قىلىندى، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بالىلار ئىشلىتىدىغان دەرسلىكلەر تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە باشلىدى. بالىلار سەككىز يېشىدا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە «باشلانغۇچ تەلىمات، ئۇلۇغ تەلىمات، مۇھاكىمە ۋە بايان، مېڭزى، مۇرەسسە - مادارا، ۋاپانامە» قاتارلىق كىتابلارنى دەرسلىك ئورنىدا ئوقۇيتتى. سەككىز ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇغاندا، «مىڭ خەت، ئۈچ خەتلىك دەستۇر، فامىلىلەر» قاتارلىقلار دەرسلىك قىلىناتتى. بۇ دەرسلىكلەر ئاسترونومىيە، ناتۇرال ئىلمى، تارىخ، ئىنسانلار مۇناسىۋىتى، مائارىپ، تۇرمۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دەرسلىكلەردە بىرنەچچە خەت ئۇلىنىپ كەلگەن، گەپ - سۆزلەر ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولغاچقا، ئەستە تۇتۇۋېلىشقا ناھايىتى قۇلايلىق ئىدى. «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» دىكى «پەرزەنتنى ياخشى باقماسلىق ئاتىنىڭ سەۋەنلىكى، ياخشى تەربىيىلىمەسلىك ئۇستازنىڭ يارامسىزلىقى»، «ئەجىر قىلمىغۇچە قاشتېشى ئىسكەتكە كىرمەس»، «ئادەم ئىلىم - مەرىپەت ئۆگەنمىسە، ئەدەپ - ئەخلاقنى بىلمەس» قاتارلىق جۈملىلەر تا بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بەزى ياشانغانلار ساۋاتسىز بولسىمۇ، لېكىن «فامىلىلەر» دىن بىرنەچچە ئابزاس يادلاپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى تەلىم - تەربىيىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بالىلار سەككىز ياشتا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «مېڭزى» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىشتە خېلى قىينىلاتتى.
قەدىمكى دەۋردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە چىقىش يولى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىلا مەكتەپتە ئوقۇيالايتتى، كۇڭزى خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقاندىن كېيىن ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇقرالارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تاللاپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، يېزا - قىشلاقلاردىكى بەزى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوردا مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى كېڭەيگەن. ئوقۇغۇچىلاردىن يېزا، ئۆلكە، ئوردىدا دەرىجىمۇ دەرىجە ئىمتىھان ئېلىنىپ، شيۇسەي، خەتمەكەردە، تەشرىپدار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارغا ئوردىدىن تېگىشلىك مەنسەپ بېرىلگەن.