سپارتا تەربىيىسى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
سپارتا تەربىيىسى قارام باتۇرلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
سپارتا قەدىمكى گرېتسىيىدە تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە قۇرۇلغان قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پولوپېننىس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، سپارتا پۈتكۈل دۆلەتنى بىر چوڭ ھەربىي لاگېرغا ئايلاندۇرغان، سپارتادىكى بارلىق ئەرلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەربىي ۋە تەنتەربىيە تەلىم - تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ ئەسكەر بولۇشى بەلگىلەنگەن.
سپارتالىقلارغا بوۋاق چېغىدىلا ھاياتلىقنىڭ سىنىقى قوبۇل قىلدۇرۇلغان. ئاتا - ئانىلىرى بوۋاقلارنى كۈچلۈك ھاراق بىلەن يۇغاندىن كېيىن يۇرت ئاقساقىلى ئۇلارنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەن، سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ياكى يۇرت ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ساغلام ئەمەس دەپ قارالغان بوۋاقلار تاشلىۋېتىلگەن. ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندىن كېيىن دۆلەتلىك تەلىم - تەربىيە ئورنىغا ئاپىرىلىپ، قەيسەر، باتۇر، قارام، رەھىمسىز، ھوشيار، شۇنداقلا بۇيرۇققا بويسۇنىدىغان خاراكتېر يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۇزاق مۇددەت ئىنتايىن جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇلغان. تەلىم - تەربىيىنىڭ ئاساسلىق شەكلى ئېلىشىش بولۇپ، ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان، ئۇچىسىغا يىرتىق كىيىملەرنى كىيگەن بالىلار ھەر كۈنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇنلا يۇمىلاق شەكىللىك ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىغا كېلىپ ئۆزئارا ئېلىشىپ مەشىق قىلغان. ئۆزئارا تۇتۇشقان ئىككىيلەندىن بىرى تاياق زەربىسىدىن ئېغىز - بۇرنى قاناپ يىقىلىپ قالسىمۇ، قارشى تەرەپ يۇمشاق قوللۇق قىلمىغان. ئەگەر يىقىلىپ قالغۇچى ھېچنېمىگە قارىماي يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتەلىسە، ئوخشاشلا باتۇر دەپ قارالغان. ئاغرىق زەربىسىدىن نالە قىلىش ۋە قارشى تەرەپتىن رەھىم - شەپقەت تىلەپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش بولسا، نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. يان تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەشقاۋۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرىدىغان چوڭلار ھەر خىل ئامال - چارىلەر ئارقىلىق بالىلارنى قەيسەرلىك بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدىغان قارام خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
يەنە بىر خىلى، مەخسۇس بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىنايدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆسمۈر ھەر يىلى بىر قېتىم قاتتىق ئۇرۇلۇپ، قاتتىق تاياق زەربىسىگە چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرەلىسە، لاياقەتلىك بولدى دەپ قارالغان. تەلىم - تەربىيە ئورنىنىڭ تۇرمۇش تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، بالىلار يىل بويى بىر تاللا يېپىنچا كىيىپ، تاقىرباش، يالاڭ ئاياغ يۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈلگەن. كۈندۈزى قورسىقى ئەستەرلەنگۈدەكلا تاماق بېرىلگەن، كەچتە بولسا قوپال تىكىلگەن چىخ سېلىنچىدا ئۇخلىغان. باشقىلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ جان باققانلار ياكى باشقىلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر تارتۇقلانغان. سپارتالىقلار ھەربىي ۋە تەنتەربىيە جەھەتتىن مەشىق قىلدۇرۇلغاندىن سىرت، ئۇلارغا يەنە مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل تەربىيىسىمۇ بېرىلگەن. سپارتالىقلار مۇزىكا ئادەمنىڭ روھىنى تاۋلايدۇ، ئۇسسۇل بولسا بەدەن ھەرىكىتىنىڭ رىتىمىنى ماسلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىغان. بالىلارغا يەنە قۇلدارلىق ئەخلاق تەربىيىسى بېرىلگەن، لېكىن مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيىسىگە سەل قارالغان.
بالىلار18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن مۇنتىزىم ھەربىي مەشىققە سېلىنغان. ئۇلار بۇ مەزگىلدە قەيسەر مىجەز - خاراكتېر ۋە يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەنگەن. بۇنداق ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ بەزىلىرى كېچىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇللارغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىش، قاتتىق ئۇرۇش، ھەتتا قىرغىن قىلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.20 ياشقا كىرگەنلەر يىل بويى چېگرىنى قوغداش مەشقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلار30 ياشقا كىرگەندىلا ئاندىن بارلىق تەلىم - تەربىيە ئاخىرلىشىپ، ھەقىقىي ھەربىيگە ۋە پۇقراغا ئايلانغان.
سپارتا قىزلىرىغىمۇ ئوخشاشلا تېز مېڭىش، دېسكا ئېتىش، نەيزە ئېتىش، ئېلىشىش دېگەنگە ئوخشاش ھەربىي ۋە تەنتەربىيە تەلىم - تەربىيىسى بېرىلگەن. خوتۇن - قىزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ خىل تەلىم - تەربىيىنىڭ يەنە چېنىققان، قاۋۇل قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن ساغلام بالا تۇغالايدۇ، دەيدىغان باشقىچە مۇھىم ئەھمىيىتىمۇ بولغان. شۇڭا، سپارتا خوتۇن - قىزلىرىمۇ قەيسەر ئىرادىگە ئىگە بولغان. سپارتالىق بىر ئانا ئوغلى ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ئالدىدا، ئۇنىڭغا بىر قالقان سوۋغا قىلىپ: «بۇنى قولۇڭدا مەھكەم تۇت، بولمىسا ئۇنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قالىسەن» دەپ تاپىلاش ئارقىلىق ئوغلىنى ئۆلۈمدىن قورقماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.