ئەنگلىيە ئوتتۇرا مەكتەپلىرى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
ئەنگلىيە ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغانلىقى، تاكى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن «مائارىپنىڭ ئۇل تېشى» دەپ ئاتالغان.
ئەڭ دەسلەپكى ۋېنچىستېر ئوتتۇرا مەكتىپى1382 - يىلى قۇرۇلغان، «توققۇز چوڭ ئوتتۇرا مەكتەپ» ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ئېتون ئوتتۇرا مەكتىپى1440 - يىلى قۇرۇلغان. ئەنگلىيىدە ئاشۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ھازىرمۇ100 دىن ئارتۇقى بار. بۇ مەكتەپلەر ئاقسۆڭەكلەشكەن گرامماتىكا مەكتەپلىرى بولۇپ، مەخسۇس داڭدار ئاقسۆڭەكلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خۇسۇسىي مەكتەپلەر. «خاسلىقىنى ساقلاش» بۇنداق مەكتەپلەر ۋە بۇ مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇغۇچى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تاكى ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ «مەرتىۋىسى» نى كۆز - كۆز قىلىدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ كەلمەكتە.
بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئۆلچىمى ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، قالايمىقان سان قوغلىشىشقا ئەزەلدىن يول قويماي كەلگەن. ئۇلار گەرچە مەرتىۋە بىلەن بايلىقنى ئوقۇغۇچى تاللاشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلارنىڭ ئىقتىدارسىز پەرزەنتلىرى يەنىلا بۇنداق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسىنى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنداق مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىۋاسىتە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرەلەيدۇ.
بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردا مۆتىۋەرلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا تېزدىن مۆتىۋەرلەرچە سىپايە - سالاپەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپلەر ياتاقلىق تۈزۈمنى يولغا قويغان. گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلام ئائىلىلىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپلەر ئۇلاردا جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈرۈشنى كۆزلەپ، ئۇلارنى بەك ئاددىي ياتاقلاردا ياتقۇزىدۇ، بەك ئاددىي غىزالاندۇرىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ خىل تەلىم - تەربىيىگە دەخلى يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپلەر ئۇزاقتىن بېرى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق - ياتاق ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى چەكلەپ كەلگەن. بۇ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئادەم باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان. دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيەت» بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال مۇشۇنىڭغا رىئايە قىلىشى شەرت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دائىر تۈرلۈك قائىدە - يوسۇنلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە ئىلاھشۇناسلىق، گرامماتىكا ۋە داڭلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. لېكىن، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بۇ مەكتەپلەرنى يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەزمۇن جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەكىل جەھەتتىمۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ قەدىمكى قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ۋېنچىستېر ئوتتۇرا مەكتىپى ئىزچىل تۈردە14 - ئەسىردە سېلىنغان مەكتەپ بىنالىرىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئېتون ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى چېركاۋمۇ500 يىللىقتىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ھازىرمۇ ناشتا ۋاقتىدا شۇ كۈنلۈك گېزىتنى كۆرۈشكە ئامراق. ئۇلار تاكى ھازىرغا قەدەر مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى «سوت» دەپ ئاتايدۇ، غەلىتە مىجەز - خۇلقنى ئۆزلىرىنىڭ باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم بەلگە دەپ قارايدۇ، ھەتتا يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئوقۇغۇچىلارغا تەنبىﮫ بېرىشى ۋە ئىشقا سېلىشىدەك ناچار قائىدىمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىغا كەلگەندىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇنداق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئاساسلىقى ھوقۇق، ئىمتىھان، قان سىستېمىسى ۋە پۇلدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىلنىڭ كۈچى بىلەن ئەنگلىيىدە ئۇزاقتىن بۇيان خارابلاشماي پۇت تىرەپ كەلگەن.500 نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇلار مۇشۇ تۆت چوڭ ئامىلغا تايىنىپ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ساقلاپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
بۈگۈنكى كۈندە ئەنگلىيە ئوتتۇرا مەكتەپلىرى قەدىمكى مائارىپ ئەنئەنىسىنى يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرى ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شان - شەرەپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداۋاتىدۇ.