جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى مەكتەپلىرى
مائارىپ تارىخىدىكى بىلىملەر
جۇڭگودا بۇنىڭدىن3000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى شيا سۇلالىسى دەۋرىدە مەكتەپ بارلىققا كەلگەن، لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (19 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدىن90 - يىللىرىغىچە) گە كەلگەندىلا، ئاندىن شاڭخەيدىكى جېڭمېڭ مەكتىپى، گۇاڭجۇدىكى ۋەنمۇساۋ مەكتىپى، چاڭشادىكى شىۋۇ مەكتىپى، بېيجىڭدىكى تۇڭيى مەكتىپى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭىچە مەكتەپلەر ئېچىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى3000 يىلدىكى مەكتەپلەر ئاساسلىقى ئوردا مەكتەپلىرى بىلەن خۇسۇسىي مەكتەپلەر ئىدى. شيا سۇلالىسىدىن غەربىي جۇ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈمەت قۇرغان ئوردا مەكتەپلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان؛ ئەمىنىيە دەۋرىگە كەلگەندە ئوردا مەكتەپلىرى خارابلىشىپ، خۇسۇسىي مەكتەپلەر گۈللەنگەن؛ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بىلەن خۇسۇسىي مەكتەپلەر تەڭ تەرەققىي قىلغان.
ئوردا مەكتەپلىرى قەدىمكى دەۋردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاچقان مەكتەپلەر بولۇپ، ئاساسلىقى ئەمەلدارلارنى تەربىيىلىگەن، كۆپىنچىسى ئوردىدا تەسىس قىلىنغان. ئوردا مەكتەپلىرى ھەرقايسى سۇلالىلەردە خانلىق بىلىم يۇرتى، خانزادىلەر مەكتىپى دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان. ئوردا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ناھايىتى چىڭ بولۇپ، پۇقرالارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇنداق مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيالمايتتى. ئوردا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئەمەلداردىن باشقىلار ئوقۇتقۇچى بولالمايتتى.
خۇسۇسىي مەكتەپلەر شەخسلەر ئاچقان مەكتەپلەر بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى خۇسۇسىي مەكتەپلەر ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراشتەك ئىلىم كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بەس - بەستە خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى ئېچىپ، تالىپ قوبۇل قىلىپ، پەن - مەدەنىيەت تارقاتقان. شۇ چاغلاردىكى داڭلىق خۇسۇسىي مەكتەپ ئۇستازلىرىدىن كۇڭ زى، مېڭزى، شۈنزى، موزى، جۇاڭزى قاتارلىقلار ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۇڭزى ئاچقان مەكتەپنىڭ كۆلىمى ھەممىدىن چوڭ ئىدى. كۇڭزى ئادەم تەربىيىلەشتە ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى قەدىمكى مەدەنىيەتكە دائىر بىلىملەرنى تارقاتقان. خۇسۇسىي مەكتەپلەر دەرىجىسىگە ئاساسەن ئاساسلىقى ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بۇنىڭ بىر خىلى، ھازىرقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە باراۋەر بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزىق ئۆگىتىش تەربىيىسى ئاساس قىلىنغان؛ يەنە بىرى، ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەرگە باراۋەر بولۇپ، قەدىمكى كىتابلار دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆتۈلگەن.
ئوردا مەكتەپلىرى بىلەن خۇسۇسىي مەكتەپلەر تاكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، جۇڭگوغا غەرب مەدەنىيىتى كىرىپ، يېڭىچە مەكتەپلەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بارا - بارا يوقالغان.