تەتۈر سۈرەتكە ئېلىش
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
كىنودا بەزى ئادەملەر بىر سەكرەپلا ئېگىز تاملارغا چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ تەتۈر سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ھاسىل قىلغان ئۈنۈم. بۇنىڭدا ئاپپارات ئىچىدىكى پليونكا تەتۈر يۆنىلىشكە ماڭدۇرۇلۇپ، چەۋەندازنىڭ ئېگىز تامدىن يەرگە سەكرىگەن ھەرىكىتى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. قويغاندا پليونكا ئوڭ يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدۇرۇلسا، پېرسوناژ يەردىن بىر سەكرەپلا ئېگىز تاملارغا چىقىدىغان ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشلەر ھاسىل بولىدۇ.
تەتۈر سۈرەتكە ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، پېرسوناژنىڭ سۇ ئاستىدىن ئۆرلەپ چىقىپ بىراقلا قىرغاققا چۈشكەنلىكىنى، يىتۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان بىر دانە قىممەتلىك نەرسىنىڭ تۇيۇقسىز ئالىقانغا ئۇچۇپ كېلىشى، ماشىنىنىڭ تىك يار لېۋىگە كېلىپ قېلىشى، ئىككى ماشىنىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى، ئوقيا ئوقىنىڭ كۆكرەكنى تېشىپ ئۆتۈشى قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللارنىمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
«چاڭجياڭدىن ئۆتۈپ رازۋېدكا قىلىش» فىلىمىدىكى تېز سۈرئەتتە مېڭىۋاتقان ماشىنىنىڭ يار لېۋىگە كېلىپ جىددىي تورمۇزلانغان خەتەرلىك كۆرۈنۈشى دەل تەتۈر سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن ئېلىنغان. ئاۋۋال ماشىنىنى ئىتتىرىپ يار لېۋىگە ئاپىرىدۇ، ھەتتا بىر چاقى يار لېۋىدىن ئۆتۈپ بوشلۇقتا قالىدۇ، سۈرەتكە ئالغاندا، ماشىنا ئاستا - ئاستا كەينىگە يېنىپ يار لېۋىدىن يىراقلايدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ئاستا سۈرئەتتە تەتۈر سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، فىلىمنى قويغاندا، پليونكا ئوڭ ئايلىنىپ نورمال سۈرئەتتە قويۇلغانلىقتىن ئېكراندا ماشىنا ناھايىتى تېز ماڭغانلىقى، يار لېۋىگە كەلگەندە چىرقىراق ئاۋاز بىلەن تورمۇز بېرىپ، جىددىي توختىغانلىقى پەيدا بولىدۇ.