خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە كىنو خىللىرى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
ھېكايە فىلىم تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈرلەردىن بىرى. شۇڭا، كىنو تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن شۇنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېكايە فىلىم كىنونىڭ پەقەت بىر خىلى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆججەتلىك فىلىم، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، گۈزەل سەنئەت فىلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە.
ھېكايە فىلىم تېمىسىغا قاراپ سانائەت تېمىسىدىكى فىلىم (مەسىلەن، ئازادلىق)، يېزا ئىگىلىك تېمىسىدىكى فىلىم (مەسىلەن، بىزنىڭ نيۇ بەيسۇي)، ھەربىي ئىشلار تېمىسىدىكى فىلىم ( مەسىلەن، جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى)، تەنتەربىيە فىلىمى (مەسىلەن، شائوۋ)، بالىلار فىلىمى (مەسىلەن، كىرپىچاق سوناتاسى) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
فىلىمنى يەنە ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇشنى دەۋر پەرقىگە قاراپ، تارىخىي تېمىدىكى فىلىم (مەسىلەن، دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمى)، رېئال تېمىدىكى فىلىم (مەسىلەن، جېنجېننىڭ ساتىراشخانىسى)، بىئوگرافىك تېمىدىكى فىلىم (مەسىلەن، لىن زېشۈي) قاتارلىقلارغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇ يەنە ئۇسلۇب ۋە شەكىلگە قاراپ، كومېدىيىلىك فىلىم (مەسىلەن، ئىككىنچى ئوغۇلنىڭ دۇكان ئېچىشى)، ۋەھىمىلىك فىلىم (مەسىلەن، ياڭچېڭدىكى كۆزەتچى)، چامباشچىلىق فىلىم (مەسىلەن، شاۋلىن ئىبادەتخانىسى)، رىۋايەت خاراكتېرلىك فىلىم (مەسىلەن، ئاشېما) ھەمدە ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم (مەسىلەن، مارجان ئارىلىدىكى جان ئالغۇچ نۇر) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھېكايە فىلىملىرى يەنە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شىچۈي تىياتىر فىلىملىرى (مەسىلەن، لياڭ شەنبەي بىلەن جۇيىڭتەي) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كىنو شەھىرى ھوللېۋودتا ھېكايە فىلىم كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار غەربىي دىيار فىلىمى، ئۇرۇش فىلىمى، باندىت يوقىتىش فىلىمى، ئاپەت توغرىسىدىكى فىلىم، تېررورلۇق فىلىمى، ناخشا - ئۇسسۇل فىلىمى، خىيالىي فىلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ھەربىر تۈرىدە مۇقىملاشقان بىر ئەندىزە ساقلانغان. مەسىلەن، غەربىي دىيار فىلىمى چۆرىسى كەڭ شىلەپە كىيىپ، بېلىگە رېۋولۋېر (تۇلۇقلۇق تاپانچا) ئاسقان پادىچىنىڭ ئامېرىكا غەربىي دىيارىدىكى كۆز يەتكۈسىز دالىلار، بىپايان چۆللەردە ئېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئېتىشىش، «مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ پۇقرالانى ئارام تاپتۇرۇش» شۇنىڭدەك «ئەزىمەت بىلەن ساھىبجامال» ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى قىلغان.
ھۆججەتلىك فىلىم (خەۋەر فىلىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭغا توقۇلما ئارىلاشمىغانلىقىدا. خەۋەر فىلىمى يېقىندا يۈز بەرگەن ئىش - ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۇنىڭدا «قىسقا خەۋەرلەر»، «مەملىكەت خەۋەرلىرى» ھەمدە جۇڭگو ئايال ۋالىبولچىلىرى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن «تىرىشماقتا» قاتارلىقلار خەۋەر قىلىنىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىم يەنە تارىخىي ماتېرىياللار، مەدەنىي يادىكارلىقلار ياكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تارىخىي ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئارقىلىق، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تارىخىي ۋەقەنىڭ باش - ئاخىرىنى ياكى مەلۇم بىر مەشھۇر شەخسنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، «زۇلپىقارنى قىنىدىن سۇغاردىم شۇئان»، «لۇشۈننىڭ ھاياتى» قاتارلىقلار؛ يەنە رېئال ئوبراز ئارقىلىق بەزى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان سىياسىي ئوبزورلۇق فىلىملەرمۇ بار. مەسىلەن، «نۆلدىكى بۆسۈش». يەنە مەلۇم بىر جاينىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىپادىلەش مەزمۇن قىلىنغان گۇمانىتار جۇغراپىيىلىك مەنزىرە ھۆججەتلىك فىلىم، مەسىلەن، «سەيدامغا ساياھەت»، «ۋېنىتسىيىدىكى چۈش»؛ سەھنىدە قويۇلغان ئويۇن سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم «شەرق قىزاردى»، «جۇڭگو ئىنقىلابىي ناخشىلىرى» قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
ئادەتتە ئومۇملاشتۇرۇش قىيىن بولغان نۇرغۇن پەننىي بىلىم ۋە قائىدىلەرنى كىنونىڭ بىۋاسىتە كۆرۈش ۋە ئوبرازلىقىدىن پايدىلىنىپ جانلىق، ئوبرازلىق، ئاسان چۈشەنگىلى ۋە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىمنىڭ ئۆزگىچە رولى. مەسىلەن، «كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ» فىلىمىدە، چىۋىننىڭ يېمەكلىكلەر ئۈستىگە قونغاندا چىقارغان مىكروبىنى چوڭايتىلغان ئەينەك بىلەن سۈرەتكە ئېلىپ ئېكراندا قويغاندا، كىشىلەر يېمەكلىكلەر تازىلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالىدۇ. بەزى ئۆتكۈر ئىلمىي تەجرىبىلەرنىمۇ ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم ئارقىلىق ئوبرازلىق خاتىرىلىۋېلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.
گۈزەل سەنئەت فىلىمىدە ئاكتيور بولمايدۇ، ئوبراز رەسىم بىلەن يارىتىلغانلىقتىن كىشىلەرگە بىر خىل ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.1928 - يىلىدىن1937 - يىلىغىچە ئامېرىكا كارتون فىلىم ئاپتورى ۋولتېر دىسنى بىلەن چاقماق شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «كارتون» فىلىم ئەڭ دەسلەپكى گۈزەل سەنئەت فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. دۇنياغا داڭق چىقارغان «چاشقان بىلەن ئۆردەك»، «ئاپئاق مەلىكە»، «قونچاقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» قاتارلىقلار دىسنىنىڭ قولىدىن چىققان. جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت فىلىملىرى سۇ بوياق رەسىمىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئىشلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئۈچ راھىب»، «لايخورەك بىلەن قۇلۇلىنىڭ ئېلىشىشى»، «ئەرشنى مالىمان قىلىش» فىلىملىرى دۇنياغا داڭلىق.