UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاچېرتيو ژى − كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە

چېرتيو ژى − كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا ئۆي سېلىشقا چېرتيوژ كېتىدۇ، كىنو ئىشلەشكىمۇ چېرتيوژ كېتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە. كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە رېژىسسورنىڭ سېنارىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئەدەبىي سېنارىيە بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەدەبىي سېنارىيە بىر پۈتۈن فىلىمنىڭ تۇنجى ئىش تەرتىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەدەبىيات شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكتىن، نۇرغۇنلىغان نوقۇل ھالدىكى ئەدەبىي تەسۋىر ياكى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە رېژىسسور خىزمىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى. رېژىسسور ئەدەبىي سېنارىيە (ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر، مەسىلەن، رومان قاتارلىقلار) غا قارىتا تەھلىل، مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ، فىلىمنىڭ قۇرۇلما تەرتىپى ۋە فىلىمگە بولغان ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى بويىچە ئەدەبىي مەزمۇننى سۈرەتكە ئالغىلى بولىدىغان بىر قاتار كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىپ چىقىدۇ. يەنى، كەلگۈسى فىلىمدە ياراتماقچى بولغان ئاۋاز بىلەن سۈرەت بىرلەشكەن ئېكران ئوبرازىنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىپ يېزىپ چىقىدۇ. كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە ھېكايىنىڭ ئابزاسلىرى بويىچە بىرمۇنچىلىغان مەيدانلارغا ئايرىلىدۇ. ھەربىر مەيدان يەنە بىرمۇنچە كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئايرىلىدۇ. كۆرۈنۈشلەرگە رەت تەرتىپى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ، ئاندىن يەنە كۆرۈنۈش پەرقى (شۇ كۆرۈنۈشنىڭ سۈرەتكە ئېلىش دائىرىسى، مەسىلەن، ئوتتۇرا كۆرۈنۈش، يېقىن كۆرۈنۈش قاتارلىقلار)، سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى (ئاپپاراتنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلى، مەسىلەن، ئەگىشىش، ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار)، كۆرۈنۈش مەزمۇنى، پېرسوناژلار سۆزى، مۇزىكا، سىرتتىن بېرىلىدىغان ئاۋازلار، كۆرۈنۈش ئۇزۇنلۇقى (مۇشۇ كۆرۈنۈشكە سەرپ بولىدىغان پليونكا ئۇزۇنلۇقى) قاتارلىق تۈرلەر يېزىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆرۈنۈش مەزمۇنىغا ۋەقە يۈز بېرىدىغان ئورۇن، ۋاقىت (ھاۋا رايىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بولۇپمۇ ئىچكى كۆرۈنۈش ياكى سىرتقى كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلىدۇ. چۈنكى، كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيىدىكى ئىچكى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش ۋەقەلىكنىڭ ئۆي ئىچىدە ياكى سىرتتا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي نۇر ياكى چىراغ نۇرى ئىشلىتىشكە قارىتىلغان. بەزىدە، ھويلىدىكى كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئېلىنسا، ئۇمۇ ئىچكى كۆرۈنۈشكە ياتىدۇ. كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيە رېژىسسورنىڭ فىلىمىگە قارىتا تۈزگەن كۆرۈنۈش لايىھىسى ۋە ئومۇمىي پىلانى، سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ئاساسى، ئەمما كونكرېت سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا بەزى ئۆزگەرتىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيىنىڭ يەنە بىر خىل ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلى مەيدانغا بۆلۈنگەن سېنارىيە دېيىلىدۇ. بۇ ئۇششاق كۆرۈنۈشلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى ھەربىر مەيدان بويىچە يېزىلغانلىقتىن، كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيىگە قارىغاندا يىرىك، يۈزە بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدىكى مەيدان ئۆزگىرىشلىرىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بەزى رېژىسسورلار كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيىگە قارىماي، بىۋاسىتە مەيدانغا بۆلۈنگەن سېنارىيە بويىچە نەق مەيداندا دەمال ئىجاد قىلىپ كېتىۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا