قولى چېۋەر گىرىمچى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
كىنو گىرىمىنىڭ ۋەزىپىسى ھەر خىل ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى ۋە ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ رولنىڭ تاشقى ئوبرازىنى سىزىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئاكتيورنىڭ چىرايىنى ئەسەردىكى پېرسوناژ ئوبرازىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
«ھەيۋەتلىك كۇئېنلۇن» فىلىمىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ رولىنى ئالغان جاڭ كېياۋنىڭ چىرايى بىلەن رولدىكى پېرسوناژنىڭ چىرايى پەرقلىنەتتى. گىرىمچى ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئۆزگەرتتى، ئاندىن يالغان چاچ كىيدۈرۈپ، قاش ۋە مەڭ چاپلىغاندىن كېيىن، جاڭ كېياۋ ھايات ماۋ زېدۇڭغا ئايلىنىپ قالدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ رولىنى ئالغان يەنە بىر ئاكتيور گۇ يۆنىڭ بوي - تۇرقى ۋە چىرايى ماۋ زېدۇڭغا خېلى ئوخشايتتى. شۇنداقتىمۇ گىرىمچى ئۇنى تېخىمۇ ئوخشىتىش ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتىگە قاراپ تۇرۇپ بىر جۈپ قۇلاق ياساپ ئۇنىڭغا چاپلاپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن «دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمى» فىلىمىدە ئاكتيورنىڭ ئوبرازى ۋە روھىي كەيپىياتى تەڭ جارى قىلدۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
گىرىمچى يەنە گىرىم قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاكتيورنىڭ ئۆز كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىشى، شۇنىڭدەك رولنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. مەسىلەن، «ۋاڭ جىڭۋېينى ئۆلتۈرۈش» فىلىمىدە، يېشى40 تىن ئاشقان چېن بىجۈننىڭ رولىنى ياش بىر ئاكتيور ئالغان. گىرىمچى ئۇنىڭ چېچىنى پۈتۈنلەي ئارقىغا قارىتىپ تاراپ، پېشانىسىنى ئېچىپ كېڭەيتكەن، چېچىغا ئازراق ئاق ئارىلاشتۇرغان، پېشانە ۋە كۆز ئەتراپىغا قورۇق سىزغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاكتيورنىڭ يېشى خېلىلا چوڭايغان. ئاكتيورنىڭ يۈز شەكلىدە چوڭراق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، گىرىمچى يەنە چىش قاپلىمىسى ئىشلىتىپ، ئەسلىدىكى ياغاق يۈزنى سېمىز يۈزگە ئۆزگەرتكەن، ئاندىن ئاكتيورغا قارا گىرۋەكلىك كۆزەينەك ۋە قاشتېشى بىلەزۈك تاقاپ قويغان. كارامەتلىك گىرىمچى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاكتيورلارنى باشقا - باشقا تۈسكە كىرگۈزۈپ، كىنونىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان پېرسوناژ ئوبرازىنى «ئىجاد» قىلىدۇ.