تېز سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
خېلى كۆپ فىلىملەردە مۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئۇچرايدۇ: دېڭىز بويىدا قوغلىشىپ ئويناۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ بىرى قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ پاختىدەك يەڭگىل ئۆرلىسە، يەنە بىرى ئۇچۇۋاتقاندەك گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ يەرگە دەسسەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى خۇددى ئاي شارىدا مېڭىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ … مانا بۇ خىل ھەرىكەت ئاستىلىتىپ سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى − «تېز سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش» ياكى «يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش» ئۇسۇلى بىلەن ئېلىنىدۇ. بەزىلەر ئۇنى «ئاستا ھەرىكەت» ياكى «ئاستا كۆرۈنۈش» دەپمۇ ئاتايدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ قائىدىسى ۋاقىت بەلگىلەپ سۈرەتكە ئېلىشنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسى، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش سۈرئىتى ئۆلچەملىك سۈرەتكە ئېلىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. نورمال سۈرەتكە ئېلىش ۋە قويۇش سۈرئىتى سېكۇنتىغا24 رامكا. يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىشنىڭ سۈرئىتى سېكۇنتىغا48 رامكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. سۈرئىتى سېكۇنتىغا48 ~300 رامكىغىچە بولغىنى تېز سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش دېيىلىدۇ؛ سېكۇنتىغا300 ~10 مىڭ رامكىغىچە بولغىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش دېيىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن تاشقىرى، پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىشمۇ بار. ئۇنىڭ سۈرئىتى سېكۇنتىغا10 مىڭ رامكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرىسى سېكۇنتىغا نەچچە يۈز مىليون رامكىغا يېتىدۇ.
ئېكراندا دائىم كۆرۈنىدىغان ئاستا ھەرىكەت ئادەتتە سېكۇنتىغا80 رامكىلىق سۈرئەت بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىپ، سېكۇنتىغا24 رامكىلىق سۈرئەت بويىچە قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا ھەرىكەت3 /2 ھەسسە ئاستىلايدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك بىر يېرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرىكەت رىتىمىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق تاماشىبىنلاردا ھاياجان پەيدا قىلىش، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان بەدىئىي ئۈنۈمگە يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىجابىي پېرسوناژلار «مۇھەببەت» بىلەن «ئەجەل» گە دۇچ كەلگەن دەقىقىلەردە، ئاستا ھەرىكەت كىشىلەرگە يۈكسەك گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ؛ پارتلاشنىڭ جەريانىنى ئاستىلىتىش ئۇنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ئاستا سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش (يەنى «تېز ھەرىكەت») يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىشنىڭ ئەكسى بولۇپ، ۋاقىتنى قىسقارتىدۇ. ماشىنىلارنىڭ سوقۇلۇشىنى يېقىن كۆرۈنۈش بىلەن سۈرەتكە ئالغاندا، دائىم ئاستا سۈرئەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ. ۋەھىمىلىك فىلىملەردە، ھەرىكەت رىتىمىنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا ئېلىشىشنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئاستا سۈرئەتتە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ