UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاۋەھىمىلىك فىلىم

ۋەھىمىلىك فىلىم

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا بۇ، كىشىلەرنىڭ بىنورمال ئەھۋال ئاستىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ھەر خىل رېئال ئەھۋاللار ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان خەتەرلىك ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدىغان ھېكايە فىلىم. ئۇ، ۋەقەلىكى جىددىي بولۇش، تەشۋىشكە باي بولۇش، كۆرۈنۈشلىرى ئاجايىپ - غارايىپ بولۇپ كىشىنى زوقلاندۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇنداق فىلىملەردە باش قەھرىمان ھەمىشە كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان، قىل ئۈستىدە تۇرىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا خەتەردىن قۇتۇلىدۇ. ۋەھىمىلىك فىلىم شەكىل ۋە تېما جەھەتتە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئىگە. ئادەتتە ئۇنىڭدا تەشۋىش، مۇبالىغە قاتارلىق ئۇسۇللار كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي، زىددىيەت - توقۇنۇشى جىددىي، مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ۋەھىلىمىلىك بولۇپ، ئالاھىدە بەدىئىي ئۈنۈمنى پەيدا قىلىدۇ. ۋەھىمىلىك فىلىم پېرسوناژنى ۋەھىمىلىك ۋەقە ئارقىلىق يارىتىپ، تېمىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ۋەھىمىلىك ۋەقە دائىم جىددىي، ئۆزگىرىشچان، رىتىمى تېز بولىدۇ، شۇڭا پېرسوناژنىڭ ھەددىدىن زىيادە مۇرەككەپ، ئىنچىكە ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدا پېرسوناژنىڭ خەۋپتىن قورقمايدىغان چېچەن ۋە باتۇر پەزىلىتىنى ئىپادىلەشلا ئاساس قىلىنىدۇ. تار مەنىدىكى ۋەھىمىلىك فىلىم يەنە ئېكسپېدىتسىيە تېما قىلىنغان فىلىم ياكى تەۋەككۈلچىلىك تېما قىلىنغان فىلىم دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئادەتتە باش قەھرىماننىڭ چەت - ياقا جايلاردىكى خەتەرلىك رايونلارغا بېرىپ، جىددىي تەبىئەت مۇھىتى ياكى ياۋايى، قالاق قەبىلىلەرگە دۇچ كېلىشىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىلىمى «ماكىلاينىڭ ئېكسپېدىتسىيىسى»، ئامېرىكا فىلىمى «مۇز چوققىدىكى قۇتقۇزۇش ئەترىتى» قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كەڭ مەنىدىكى ۋەھىمىلىك فىلىم يەنە ۋەھىمە شەكىللىك فىلىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، جاسۇسلۇق فىلىمى، خەتەرلىك فىلىم، رازۋېدكا فىلىمى، تېررورلۇق فىلىمى، ياۋايى ھايۋانلار فىلىمى ۋە بەزى ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ۋەھىمىلىك فىلىملەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىدە ساقچى بىلەن قاراقچىنىڭ ئېلىشىشى، قاتىلنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش، ئادەم بىلەن ۋەھشىي ھايۋاننىڭ ئېلىشىشى قاتارلىق مەزمۇنلار تەسۋىرلىنەتتى. كېيىن، تەدرىجىي ھالدا ئىلمىي فانتازىيە بىلەن سىياسىي ھەربىي ساھەگە تەرەققىي قىلىپ، ئىلمىي ۋەھىمىلىك فىلىم ۋە سىياسىي، ھەربىي ئىشلار سۈرەتلەنگەن ۋەھىمىلىك فىلىملەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭغا ئامېرىكا فىلىمى «پلانېتىلار ئارا ئۇرۇش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ۋەھىمىلىك فىلىم ۋەقەلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەلۇم دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇ جەزمەن چىن ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى، تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا