كېسىپ ئۇلاش، يۇيۇش − فىلىم ئىشلەشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
فىلىمنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، فىلىمنى كېسىپ ئۇلاش، تەھرىرلەش باسقۇچى باشلىنىدۇ. فىلىمنى كېسىپ ئۇلاش − ئەۋرىشكە فىلىملەرنى توپلاش، رەتلەش، كېسىپ چىقىرىۋېتىش، بىر پۈتۈنلەشتۈرۈش فىلىم ئىشلەش داۋامىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر خىزمەت تۈرى، شۇنداقلا فىلىمنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىجادىيىتى.
كېسىپ ئۇلاش خىزمىتى كۆرۈنۈشنى كېسىپ ئۇلاش بىلەن ئاۋاز لېنتىسىنى كېسىپ ئۇلاشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرۈنۈشنى كېسىپ ئۇلاش − سۈرەتكە ئېلىنغان زور تۈركۈمدىكى كۆرۈنۈشلەر ئارىسىدىن ئەڭ ياخشىسىنى ئىنچىكىلەپ تاللاش، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى ئېلىش، ئەڭ ياخشى ئېكران ئۈنۈمىنىڭ تەرتىپى بويىچە گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئۇلاپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئاۋاز لېنتىسىنى كېسىپ ئۇلاشتا ئۈن ئېلىش ئۇسۇلى ئالدىن ئۈن ئېلىش، سۈرەت بىلەن تەڭ ئۈن ئېلىش، كېيىن ئۈن ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. شۇڭا، كېسىپ ئۇلاش تېخنىكىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئالدىن ئۈن ئېلىنغان ئاۋاز لېنتىسى مۇزىكىنىڭ مېلودىيە، رىتىمىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا كېسىپ ئۇلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا بىر پۈتۈن مۇزىكىلىق بۆلەك ۋە ئاۋاز بۆلەكلىرى بولىدۇ. سۈرەت بىلەن تەڭ ئېلىنغان ئاۋاز لېنتىسى بولسا سۈرەت بىلەن بىرلىكتە كېسىپ ئۇلىنىدۇ. كېيىن، ئاۋاز بېرىلگەن ئاۋاز لېنتىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، سۈرەتنى كېسىپ ئۇلىغان چاغدىلا، سۈرەت بىلەن ئاۋازنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئالدىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ، سۈرەتنى كېسىپ بېكىتكەن ئاساستا ئاندىن ئۈن ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كېسىپ ئۇلىغۇچى بىلەن رېژىسسور پۈتكۈل كېسىپ ئۇلاش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئورۇندايدۇ، فىلىمدىكى ئاۋاز بىلەن سۈرەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈن ئېكران ئوبرازىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت − فىلىمنىڭ كوپىيىسىنى ئىشلەشتىن ئىبارەت. بۇ خىزمەتنى فىلىم يۇيۇش زاۋۇتى ئورۇندايدۇ. ئالدى بىلەن كۆرۈنۈش سۈرەتلىرى كېسىپ ئۇلانغان فىلىمگە ئاساسەن بىر - بىرلەپ نېگاتىۋغا ئېلىنىدۇ. ئاندىن نېگاتىۋ ئارقىلىق دەسلەپكى «توغرىلانغان كوپىيە» بېسىلىدۇ، فىلىملەر مۇشۇ «توغرىلانغان كوپىيە» بويىچە كۆپەيتىپ يۇيۇلۇپ كىنوخانىلار تەمىنلىنىدۇ.
كىنو كوپىيىسىنى يۇيۇش قائىدىسى تۇرمۇشتا تارتىلغان سۈرەتلەرنى يۇيۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، پەرقى شۇكى، كىنو كوپىيىسىنى يۇيۇشتا ئۇزۇن - ئۇزۇن پليونكىلار فىلىم يۇيۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ ئۇلىنىپ يۇيۇلىدۇ. رەڭلىك فىلىملەرنى يۇيۇش رەڭسىز فىلىملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. كۆپ قاتلاملىق رەڭلىك فىلىمنى يۇيۇش12 ئۆتكەلدىن ئۆتىدۇ. كىنو كوپىيىسى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، كىنو فىلىم تارقىتىش شىركىتى ئارقىلىق كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.