UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكارەڭ ئايرىش ئۇسۇلى

رەڭ ئايرىش ئۇسۇلى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا رىۋايەت مەزمۇن قىلىنغان فىلىملەردە مۇنداق كۆرۈنۈشلەر دائىم ئۇچرايدۇ، سۈن ۋۇكۇڭ بىر موللاق ئېتىپلا ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ - دە، بۇلۇتلار ئۈستىدە خۇددى يەردە ماڭغاندەك دەسسەپ يۈرىدۇ. ئەرەب رىۋايەتلىرىدە «ئۇچار گىلەم» گە ئولتۇرغان ئادەملەر بۇلۇتلار ئارا ئۇچۇپ ئالەم كېزىدۇ … بۇنىڭ سىرى قەيەردە؟ ئاددىيراق سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىدا، بىر پارچە ئادەتتىكى گىلەم («ئۇچار گىلەم») يۆتكەلمە كراننىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن كران پەم بىلەن باشقۇرۇلۇپ، «ئۇچار گىلەم» ئۇچۇرۇلىدۇ؛ بۇ چاغدا ئۇچار گىلەمنىڭ ئەتراپىغا ياكى ئاپپاراتنىڭ ئالدىغا ئاق تۈتەك قويۇپ بېرىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇچار گىلەم بۇلۇتلار ئارا ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا يەنە بىر خىل مۇرەككەپرەك تېخنىكىمۇ بار. ئۇ رەڭ ئايرىپ دەستىلەپ بېسىش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. بۇ كۆپرەك تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشتە قوللىنىلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكا ئېلېكترونلۇق ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، يەنى كېرەكسىز رەڭ قىسمى ئاپتوماتىك ھالدا چىقىرىۋېتىلىپ، يەنە بىر كۆرۈنۈش تولۇقلىنىدۇ. سۈن ۋۇكۇڭنىڭ رولىنى ئالغان ئاكتيور كۆك رەڭلىك ئارقا پەردە ئالدىدا رول ئوينايدۇ. ئاپپارات ئىچىدىكى ئېلېكترونلۇق ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى كۆك رەڭنى چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېكراندا يالغۇز «سۇن ۋۇكۇڭ» نىڭ بەدىنىلا قالىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشنى بۇلۇتلا ئېلىنغان كۆرۈنۈشكە دەستىلەپ كىرگۈزگەندە، سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق يەنە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئاكتيور ھاۋارەڭ كىيىم كىيسە گەۋدىدىن ئايرىلغان بىر باش كەڭ بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن غەلىتە كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر پۈتۈن بەدىنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن ئورالغان بىر ئادەم ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق جابدۇقلارنى ئۇياق - بۇياققا يۆتكىسە، ئېكراندا بۇ جابدۇقلار ئۆزلۈكىدىن مىدىرلاۋاتقاندەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ … «ھۆر قىزنىڭ تويى» فىلىمىدىكى ئالتە پەرىنىڭ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئالدى بىلەن ئاكتيورلار ئىنچىكە سىم بىلەن بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغان. ئاندىن شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىيىملىرى لەپىلدىگەن كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىنغان. سىم بىلەن ئارقا پەردە قارا رەڭلىك بولغانلىقتىن يورۇقلۇق قوبۇل قىلمىغان، نەتىجىدە، ئاكتيور ئۆزىلا سۈرەتكە ئېلىنغان. ئاندىن پليونكا كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، ئاسماندىكى بۇلۇتلار ياكى شۇ خىلدىكى دېكوراتسىيە سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئېكراندا پېرسوناژلار ئۇچۇۋاتقان مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. رەڭلىك فىلىملەردە ئىنفرا قىزىل نۇر ئىشلىتىلىپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. ئاپپارات ئەينىكىنىڭ ئالدىغا سۇس قىزىل رەڭلىك نۇر سۈزگۈچ ئورنىتىلىپ، ئىنفرا قىزىل نۇردىن باشقا رەڭ دولقۇنلىرى توسۇۋېتىلسە، يۇقىرىقىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. «خەي شيا» فىلىمىدە خەي شيانىڭ مىلتىق تۇتۇپ يۇيۇنغان كۆرۈنۈشى دەل مۇشۇنداق ئۇسۇلدا سۈرەتكە ئېلىنغان.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا