UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكايالغاننى راست قىلىدىغان كىنو جابدۇقلىرى

يالغاننى راست قىلىدىغان كىنو جابدۇقلىرى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا فىلىمدىكى ۋەقەلىك ۋە روللارغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل نەرسە - كېرەكلەر جابدۇق دېيىلىدۇ. جابدۇقنىڭ شەكلى، سۈپىتى مەيدان كۆرۈنۈشى بىلەن بىردەك بولۇشى، پېرسوناژنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئىپادىلىشى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشى لازىم. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» فىلىمىدىكى پالىساندر ياغاچتىن ياسالغان ئائىلە جابدۇقلىرى سۇجۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيىدىن ئارىيەت ئېلىنغان، شۇڭا ۋەقەلىككە ماس كەلگەن. «ئاخىرقى ئاقسۆڭەك» فىلىمىدىكى لى تۇڭ قاتارلىق كىشىلەر دەسلەپتە نيۇ يوركقا بارغاندا ئولتۇرغان ئات ھارۋىسىمۇ ئەينى زاماندىكى ئات ھارۋىسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ھالبۇكى، سۈرەتكە ئېلىشتا ئوخشاش بولمىغان دەۋر ۋە ئالاھىدە مۇھىتتا ئىشلىتىلگەن جابدۇقلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. «بالىڭ قەبرىسىدىكى ئوغرى» فىلىمىدە سۈرەتكە ئېلىنغان يۆياڭ قەسىرىنىڭ ئۈستىدە «يۆياڭ راۋىقى» دېگەن خەتلەر ئويۇپ ئىشلەنگەن بىر ۋىۋىسكا بار ئىدى. ئۇ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بىۋاسىتە سۈرەتكە ئېلىشقا بولمايتتى، شۇڭا تەقلىدىي ياساشقا توغرا كەلدى. ناۋادا ئەسلىدىكى چوڭلۇقى بويىچە ياسىغاندا، ھەربىر پارچىسىغا ئېگىزلىكى ئۈچ يېرىم مېتىر، كەڭلىكى ئوتتۇز نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان ناررا دەرىخىنىڭ ياغىچىنى تېپىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىپ، چىقىم بەك كۆپ كېتەتتى. گۈزەل سەنئەت خادىملىرى بىرنەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ مودېل شەكلىدە ياسىغانىدى، سۈرەتكە ئالغاندا خۇددى ئەينەن ئۆزىدەك كۆرۈندى. كۆپلىگەن چامباشچىلىق فىلىملىرىدە يەنە بىر خىل جابدۇق − شېكەرلەنگەن ئەينەك ئىشلىتىلىدۇ. چامباشچىلىق فىلىملىرىدە بەدىنى بىلەن دېرىزىنى چېقىپ چىقىدىغان، ئۇچۇپ كېلىپ ھارۋا، ماشىنا، پويىزلارغا سوقۇلىدىغان كۆرۈنۈشلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاكتيور راست ئەينەككە سوقۇلسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا، بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدىغان شېكەرلەنگەن ئەينەك مەخسۇس ياسالدى. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سۈپىتى، سۈزۈكلۈكى راست ئەينەككە ئوخشاپ كېتىدۇ. «تەڭداشسىز سۇخسۇر پۇت» فىلىمىدىكى قاچا - قۇچا دۇكىنىدىكى ئېلىشىش كۆرۈنۈشىدە، ئاكتيورنىڭ سۇندۇرغانلىرى تامامەن تەقلىدىي ياسالغان قەدىمكى بۇيۇملار بولۇپ، بەدەنگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ ھەم راستتەك كۆرۈنىدۇ. فىلىمدە قول - پۇت بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلىۋېتىدىغان، قېلىنلىقى ئون نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان «تاش ئورۇندۇق»، «تاش تۈۋرۈك» لەرنىڭ ھەممىسى تەقلىدىي ياسالغان جابدۇقلار.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا