UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاكەم - كۈتىسىز بولغان بىرلەشمە سۈرەتكە ئېلىش

كەم - كۈتىسىز بولغان بىرلەشمە سۈرەتكە ئېلىش

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا كىنودىكى نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلەرنى بىرلەشمە سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق ئىشلىگىلى بولىدۇ. بۇ راست مەنزىرىنىڭ ئورنىغا مودېل، رەسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە تېخنىكا بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا (نەق مەيداندا ھەممىنى تەڭ) بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. ئوپتىكا، خىمىيە، مېخانىكا قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ماكاندا پەيدا بولغان مەنزىرىلەرنى بىر كۆرۈنۈشكە يىغىپ تەشكىللەش − ئاخىرىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئاددىي ھەم تېجەشلىك بولىدۇ. مەسىلەن، راست مەنزىرىلەر ئارىسىدىن تاپقىلى بولمايدىغان بىر ئوردىنى سۈرەتكە ئالماقچى بولسا، مەبلەغنى تېجەش ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدىن تۆۋەن قىسمىنىڭلا مودېلى ياسىلىدۇ، ئۆگزىسى بىر ئەينەك پارچىسىغا سىزىلىدۇ. ئاندىن «يىراقتىكىسى كىچىك، يېقىندىكىسى چوڭ كۆرۈنىدۇ» دېگەن پرىنسىپقا ئاساسەن، ئەينەك پارچىسى ئاپپاراتنىڭ ئالدىغا قويۇلۇپ سۈرەتكە ئېلىنسا بىر پۈتۈن ئوردا بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئوردىنىڭ ئاستى - ئۈستى قىسمىنىڭ رەڭگى، سىزىق يوللىرى پۈتۈنلەي بىردەك بولسىلا، راسىت - يالغاننى ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئاكتيور ئەنە شۇ ئۆگزىسى يوق ئوردا مودېلى ئالدىدا ھەرىكەت قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ. مەسىلەن، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تاتاگاتا ئالىقىنىدا موللاق ئېتىۋاتقىنىنى سۈرەتكە ئېلىشتا ئاۋۋال تاتاگاتانىڭ قول مودېلى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ (سۇن ۋۇكۇڭ موللاق ئاتىدىغان دائىرە توسۇۋېلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ)، ئاندىن مەخسۇس بىرلەشمە سۈرەتكە ئېلىش ئۆيىدە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ موللاق ئېتىشى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئەسلىدىكى كوپىيىنى مۇشۇ كۆرۈنۈشكە قارىتىپ يەنە بىر قېتىم سۈرەتكە ئېلىپ، ئىككىنچى قېتىم نامايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالدى - كەينى ئىككى قېتىملىق ئېكىسپوزىتسىيە كەم - كۈتىسىز بىرلەشتۈرۈلۈپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇت ئالىقىنىدا موللاق ئېتىۋاتقان بىر پۈتۈن كۆرۈنۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا
كەم - كۈتىسىز بولغان بىرلەشمە سۈرەتكە ئېلىش | UyghurWiki | UyghurWiki