UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاۋاقىت بەلگىلەپ سۈرەتكە ئېلىش

ۋاقىت بەلگىلەپ سۈرەتكە ئېلىش

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا ئەمەلىي تۇرمۇشتا، گۈلنىڭ ئېچىلىشىغا بىر كۈن، بىرقانچە كۈن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، ئەقەللىيسى «ھۆرىگۈلدەك ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىش» مۇ نەچچە مىنۇتسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەمما، كىنودىكى غۇنچىنىڭ ئېچىلىشىغا پەقەت بىرقانچە سېكۇنتلا كېتىدۇ. مانا بۇ، ۋاقىت بەلگىلەيدىغان ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ، مەلۇم ئارىلىقتا سۈرەتكە ئالغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئاۋازلىق كىنونىڭ نورمال سۈرەتكە ئېلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا24 رامكا بولىدۇ، ناۋادا بىر گۈلنىڭ ئېچىلىشىغا بەش سائەت ۋاقىت كېتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ چاغدا432 مىڭ دانە رامكا سۈرەتكە ئېلىشقا، يەنى ئۈچ كىنوغا ئىشلىتىدىغان پليونكا سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇنداق قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئوپېراتور ۋاقىت بەلگىلەپ (ئارىلىق قويۇپ) سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، سېكۇنتىغا24 رامكا سۈرەتكە ئېلىش سۈرئىتىنى مىنۇتىغا بىر رامكا ئېلىشقا ئۆزگەرتسە، بەش سائەتتە ئاران300 رامكا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، فىلىمنى قويغاندا يەنىلا سېكۇنتىغا24 رامكا سۈرئەت بىلەن قويۇلىدۇ. مۇنداق قىلغاندا، بىر غۇنچىنىڭ ئېچىلىش جەريانىغا ئېكراندا5 .12 سېكۇنتلا كېتىدۇ. ۋاقىت بەلگىلەپ سۈرەتكە ئېلىشقا بىر يۈرۈش مەخسۇس ئۈسكۈنە − رامكىمۇرامكا سۈرەتكە ئالىدىغان كىنو ئاپپاراتى ھەمدە ئاپپارات رېلېنى كونترول قىلىدىغان ۋاقىت بەلگىلەش ۋىكليۇچاتېلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپپاراتقا چېتىلىدۇ. قانچە مىنۇتتا بىر رامكا سۈرەتكە ئېلىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىت بەلگىلىگۈچ سائىتىنىڭ ئىسترېلكىسى شۇنچە مىنۇتقا توغرىلىنىدۇ. رېلېي توكقا ئۇلانغاندا، ئاپپارات سۈرەتكە ئېلىشقا باشلايدۇ، توك ئۈزۈلگەندە ئاپپارات توختايدۇ. ئارىلىقتىكى ۋاقىت توشقاندا توك يەنە ئۇلىنىدۇ، ئاپپارات سۈرەتكە ئالىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت ئۇزارتىپ سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىملەردە كۆپ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، زىرائەتلەرنىڭ بىخ ئۇرۇپ چىقىش، دان تۇتۇش، پىشىش جەريانى؛ چۈجىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىپ تاكى چوڭ بولغۇچە بولغان ئەھۋالى قاتارلىقلار. بەزى ھېكايە فىلىملەردە پېرسوناژنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، يەنى نۇرغۇنلىغان گۈللەر بىردىنلا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، يېشىل مايسىلار كەينى - كەينىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، بامبوك نوتىلىرى بوغۇم - بوغۇملاپ ئۇزىرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا