پليونكىغا رەسىم سىزىش − سۈرەتكە ئېلىش
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشتا ئىككى خىل ئەڭ ئاساسلىق ئىجادىي ئامىل ھازىرلىنىشى شەرت، ئۇلار رېژىسسورلۇق سەنئىتى بىلەن سۈرەتكە ئېلىش سەنئىتىدۇر. رېژىسسور بىلەن ئوپېراتور بىرلىكتە پليونكا يۈزىدە ئوبراز ئىجاد قىلىدۇ، بۇ خۇددى ئاپپارات بىلەن رەسىم سىزغانغا ئوخشايدۇ.
كىنو ئوپېراتورلۇقىنىڭ ئوبرازلىق بىر تەرەپ قىلىش مەزمۇنى نۇر بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، رەڭ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، بەدىئىي تۈزۈلۈش بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەرىكەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىشلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇ، ئوپېراتوردىن كۆرۈنۈش (كىنونىڭ كۆرۈش سېزىم ئوبرازى) ئىجاد قىلغاندا، سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرىنى، جۈملىدىن بوشلۇقتىكى چوڭقۇرلۇقى، ستېرېئولۇق ھالىتى، ئومۇمىي دائىرە شەكلى، سىرتقى يۈز قۇرۇلمىسى، رەڭ ئاساسى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈرلۈك خاراكتېردىكى ئوپېراتورلارنىڭ ئوبراز يارىتىشنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە ئوخشاش بولمىغان ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
كىنو ئوپېراتورلۇقىدا سېنارىيە تەمىنلىگەن تۇرمۇش ئاساس قىلىنىدۇ. رېژىسسورنىڭ ئومۇمىي يېتەكچىلىكىدە، ئاكتيورنىڭ رولى ۋە مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئىجادىي ھالدا كىنونىڭ كۆرۈش ئوبرازىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى ئوپېراتورنىڭ بەدىئىي ئىندىۋىدۇئاللىقى ھەمدە فىلىمدىكى بەلگىلەنگەن شارائىتقا ئاساسەن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: بىر خىلى، رەسىم سىزىش خاراكتېرلىك سۈرەتكە ئېلىش. بۇنىڭدا كۆرۈنۈشنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، كۆرۈنۈش بەدىئىي تۈزۈلۈشىنىڭ پۇختا بولۇشى، نۇر ۋە رەڭنىڭ ئوبرازچانلىقى، بېزەشچانلىقىغىمۇ دىققەت قىلىنىدۇ. ھەربىر كۆرۈنۈشتىكى پېرسوناژ بىلەن مەنزىرە زەن قويۇپ تەسۋىرلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدىئىي كەيپىياتنىڭ مۇبالىغە قىلىنىشى تەكىتلىنىدۇ. بۇ خىل سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى تۇرمۇشنىڭ تەبىئىي قىياپىتىگە ئانچە ئېسىلىۋالمايدۇ، بەلكى گۈزەل بولغان كۆرۈش سېزىم شەكلىنى قوغلىشىش نىشانى قىلىدۇ. يەنە بىر خىلى، نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىش. بۇنىڭدا تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھېكايە فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشتا، تاق كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىش تەكىتلەنمەيدۇ، بەلكى بىر گۇرۇپپا كۆرۈنۈشلەرنىڭ راۋان ئۇلىنىپ ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي قىياپىتىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ. كۆرۈنۈشنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشىدە ئادەتتىكى قائىدىلەرگە بەكمۇ ئېسىلىۋالمايدۇ، بېزەش ئاز بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۆز مەيلىچە شەكىللىنىشنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەبىئىي ھالەت ئىپادىلىنىپ، تاماشىبىنلاردا تۇرمۇشتىكى شەيئىلەرنى بىۋاسىتە كۆزىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىنىدۇ.