ئەسلىدىكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان مودېللىق سۈرەتكە ئېلىش
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
مودېلدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئومۇمەن، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن سۈرەتكە ئالغىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش ۋە مەيدان كۆرۈنۈشلىرى، مەسىلەن، مۇقەددەس جاي، ساماۋى ئوردا، ئايروپىلان جېڭى، پويىزنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، كەلكۈننىڭ ئۆيلەرنى ئېقىتىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مودېل ئارقىلىق چىن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
«لىن زېشۈي، جياۋۇ تۇمانلىرى، دېڭىز بۈركۈتى» قاتارلىق فىلىملەردىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى، يەلكەنلىك كېمىلەر، تورپىدا كاتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مودېلدىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان. ئاۋۋال مودېل كەڭرەك كۆلگە قويۇلۇپ، نىلون يىپ ياكى پولات سىم بىلەن تارتىپ باشقۇرۇلىدۇ. دېڭىز دولقۇنى ۋە پاراخوتنىڭ مېڭىشىدىن پەيدا بولغان بۇژغۇن، كۆپۈكلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شامالدۇرغۇچ بىلەن سۇ يۈزىنى يەلپۈشكە، كومپرېسسور بىلەن سۇ تارتىپ پاراخوتقا قويۇپ بېرىشكە، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن پۈركۈپ كۆپۈك چىقىرىشقا بولىدۇ، ئاندىن يۇقىرى سۈرئەتتە سۈرەتكە ئېلىنسا، ئېكراندا پاراخوتلارنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى نامايان بولىدۇ. زەمبىرەك ئوقلىرى ۋىژىلداپ ئۇچۇپ، دېڭىزدا پارتلاۋاتقان ئۈنۈمنى چىقىرىش ئۈچۈن سۇ ئىچىدە پارتلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، ئېھتىياجىغا قاراپ تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇپ پارتلىتىش، ئۇنىڭغا ئوت، ئىس - تۈتەك چىقىرىش تېخنىكىسى ۋە خىلمۇخىل ئاۋازلارنى ماس كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىر مەيدان «ھەقىقىي» دېڭىز ئۇرۇشىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. پاراخوتنىڭ يېقىن كۆرۈنۈشى دېكوراتسىيىدىن پايدىلىنىپ ئېلىنىدۇ.
كۆپلىگەن ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىملەردە، يەر شارىدا مەۋجۇت بولمىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ياكى ئۇچار تەخسە قاتارلىقلار مودېل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «پلانېتىلار ئارا ئۇرۇش» فىلىمىدىكى ھەر خىل غەلىتە ئۇچقۇلار ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى مودېل بولۇپ، ئادەم كۈچى بىلەن باشقۇرۇلغان، ئۇنىڭغا چاقنىغان نۇر، ئوت، ئىس - تۈتەك ۋە ئاۋازلار قوشۇلۇش ئارقىلىق يەر شارىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزىلەر ئېكراندا بىر - بىرلەپ نامايان بولغان.