UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاگۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرىدىغان كىيىمچى

گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرىدىغان كىيىمچى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا كىنو كىيىم - كېچەكلىرى كىنو پېرسوناژلىرىنىڭ ئوبرازلىرىنى يارىتىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە. ھەربىر پېرسوناژنىڭ كىيىنىشى شۇ پېرسوناژنىڭ سالاھىيىتى، يېشى، خاراكتېرى ۋە قىزىقىشىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەت، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە دەۋر تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدۇ. كىيىمنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى بىلەن مۇھىت رەڭگى، كەيپىيات ۋە ھەۋەس ماس كېلىشى، ۋەقەلىك تەلەپ قىلغان بىر پۈتۈن بەدىئىي ئۈنۈم بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. شۇڭا، كىيىمچىكتە كىيىم لايىھىلەش، پىچىش ۋە تىكىش ماھارىتىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە تەربىيىلىنىش ۋە كەڭ دائىرىلىك تارىخىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لىن زىفېك رېژىسسورلۇق قىلغان «چۇن تاۋ» فىلىمىدە، ئايال باش قەھرىمان چۇن تاۋ كونا، يىرتىق كىيىم كىيگەن ھالدا رول ئالىدۇ. بۇ، چۇن تاۋدىن ئىبارەت ئەمگەكچى ئايالنىڭ جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى چۇن تاۋنىڭ سەمىمىي، ساددا خاراكتېرىگىمۇ ماس كېلىدۇ. فىلىمنىڭ سىلىق - سىپايە بولغان بىر پۈتۈن ئۇسلۇبىغا ۋە ئەسلىي روماننىڭ مەزمۇنىغىمۇ ئۇيغۇنلىشالايدۇ. ئامېرىكا ھوللېۋودتا ئىشلەنگەن «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» فىلىمىدىكى ئايال باش قەھرىمان ناھايىتى رەڭدار، پۇزۇر كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ سۇ ئۈستى مۇراسىم كۆرۈنۈشىدە كىيىمچىك پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشقا سالغان، مۇزىكىنىڭ شوخ رىتىمى ئىچىدە پېرسوناژنىڭ كىيىمى قايناپ - تاشقان كەيپىياتنى پەيدا قىلىپ، فىلىمنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللۇق كەيپىياتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن. كىنو كىيىمىدە ئالدى بىلەن چىنلىق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، كىيىمچىك ئاممىۋى روللارغا چىقىدىغانلارنىڭ كىيىمىنى ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتلىك ئوبرازلارغا ئاساسەن لايىھىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پېرسوناژنىڭ كىيىمى بىلەن بولغان ئارىلىق ۋە گەۋدىلەندۈرۈش مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. بەزى ئالاھىدە ئۈنۈمنى نامايان قىلىش، مەسىلەن، ئوق تەگكەن پېرسوناژنىڭ كىيىمىدىكى تۆشۈك ۋە قان، قەلەندەرنىڭ كىيىمىدىكى قاسماق ۋە مەينەتچىلىكلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كىيىمچىكنىڭ بىرقىسىم كىيىملەردىن ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، «باۋ فامىلىلىك ئاتا - بالا» فىلىمىدىكى لاۋ باۋ كىيگەن كونا پاختىلىق چاپان ئەسلىدە بىر دەرۋازىۋەن بوۋاينىڭ چاپىنى بولۇپ، كىنوغا ئېلىشتا ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىلگەن. كېيىن بۇ رولنىڭ ئاكتيورى ئالماشتۇرۇلغان، كېيىنكى ئاكتيورنىڭ بەدىنى ئالدىنقىسىنىڭ بەدىنى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، كىيىمچىك ئەسلىدىكى چاپاننى ئۈلگە قىلىپ يەنە بىر چاپان تىككەن، ئاندىن ئۇنى ئىسلاش، ئوتقا قاقلاش، ئۈستىگە مەينەت نەرسىلەرنى سۈركەش ئارقىلىق كونىراتقان. بۇ خىل پاسكىنا چاپان باش قەھرىمان لاۋ باۋنىڭ چۈشكۈن، ھەسرەتلىك تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىغان. قەدىمكى زامان ۋە ئاز سانلىق مىللەت پېرسوناژلىرىنىڭ باش كىيىمى، ھەربىيلەرنىڭ كاكار، پاگون قاتارلىق نەرسىلىرىگە كەلسەك، كىيىمچىك بۇلارنىمۇ ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەستايىدىل، ئىنچىكە، توغرا لايىھىلەپ فىلىمنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى لازىم. مەسىلەن، «تەيئېر - جۇاڭدىكى قانلىق جەڭ» فىلىمىدىكى دىۋىزىيە كوماندىرى چۈەن جۇن ئادالەت يولىدا مەردلەرچە قۇربان بېرىدىغان كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ قانغا بويالغان ھەربىي كىيىمىگە يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن پاگوننىڭ ئورنىتىلغانلىقى چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مانا بۇلار گەرچە كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ۋەقەلىكنىڭ كەيپىياتىغا ماس كەلگەنلىكتىن ئاكتيورنىڭ ئورۇندىشىغا بىر خىل جەسۇرانە ئۈنۈم قوشقان.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا
گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرىدىغان كىيىمچى | UyghurWiki | UyghurWiki