غەربىي دىيار فىلىمى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
غەربىي دىيار فىلىمى «پادىچى فىلىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئامېرىكا ھوللېۋودنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل كىنو تۈرى.
غەربىي دىيار فىلىمى19 - ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يەرلەرنى ئېچىپ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بۇ فىلىملەردە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بويسۇندۇرۇش، ئىندىئانلارنى تالان - تاراج قىلىش ھەمدە بوز يەر ئېچىش روھىنى مەدھىيىلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. غەربىي دىيار فىلىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە كۆپىنچە ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغ - دالىلار، ياغاچ ئۆيلۈك ناھىيە - بازارلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. فىلىمدە كىشىلەر گاھ چاڭ چىقىرىپ ئات چاپتۇرسا، گاھ قاۋاقخانا ياكى قىمارخانىدا بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ جېدەل - ماجىرا قىلىشىدۇ.
غەربىي دىيار فىلىمىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ياخشى - يامىنى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئىجابىي پېرسوناژلار − كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە، گۈللۈك كۆڭلەك كىيىپ، بېلىگە قوش تاپانچا ئاسقان پادىچى باتۇر ياكى ئادالەتنى ياقلاپ، خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتنى يوقىتىدىغان ساقچى باشلىقى ۋە ياكى گەرچە تۇرمۇشتا شاللاق بولسىمۇ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئاق كۆڭۈل پاھىشە ئايال. سەلبىي پېرسوناژ − بىر تەرەپكە زورلۇق - زومبولۇق قىلىدىغان ياۋۇز مۇشتۇمزور ياكى قانۇنسىزلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا ئادەم جازالايدىغان ئۇنسۇر. يەرلىك ئىندىئانلار بولسا ياۋۇز، قورقۇنچلۇق، مەدەنىيەتكە قارشى ياۋايى ئادەملەر قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ۋەقەلىك مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر قېلىپتا بولۇپ، ئاخىرىدا ياخشىلار ياخشىلىققا، يامانلار جازاغا ئۇچرايدۇ.
غەربىي دىيار فىلىمىنىڭ تارىخى بىرقەدەر ئۇزاق.1903 - يىلى بولت رېژىسسورلۇق قىلغان «پويىزنى بۇلاش دېلوسى» ئەڭ بۇرۇنقى غەربىي دىيار فىلىمىدۇر.20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدا غەربىي دىيار فىلىملىرى كۆپلەپ مەيدانغا چىقتى،30 - يىللاردىن كېيىن بەدىئىي جەھەتتە تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلىنىپ، «جىلغىدىن ئۆتۈش، كالا پاجىئەسى، چۈش ۋاقتى، »ئاختۇرغۇچى، دالىدىكى ئەزىمەت» قاتارلىق كىشىنى ئويغا سالىدىغان غەربىي دىيار فىلىملىرى مەيدانغا كەلدى، بۇ فىلىملەر دۇنيا كىنوچىلىقى تارىخىدىمۇ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىدى.
غەربىي دىيار فىلىمى گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل تۈرىدىكى كىنو بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىشى كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا، بەزى دۆلەتلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھەدەپ ئۈلگە ئېلىشقا باشلىدى، ئەمما كۆپىنچىسى ئاددىي تەقلىد قىلىش بىلەنلا چەكلەندى. مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىرى ئاز بولدى. ئىتالىيە ئىشلىگەن غەربىي دىيار فىلىملىرى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ غەربىي دىيار فىلىملىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. ئىتالىيىلىكلەر ئۈگرىگە ئامراق بولغانلىقتىن، تاماشىبىنلار ئۇنى «ئۈگرە غەربىي دىيار فىلىمى» دەپ ئاتىدى.