كارامەتلىك «بىر توختاپ يەنە ئېلىش»
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
رىۋايەت ياكى ئەپسانىۋى ھېكايە فىلىملەردە تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈشلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ: قاش - كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان شاياتۇن ساھىبجامال بىر چۆرگىلەپلا يۈزىنى قورۇق باسقان مومايغا ئايلىنىدۇ؛ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن پەرىشتە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئاددىي - ساددا سەھرا قىزى بولۇپ قالىدۇ؛ سۇن ۋۇكۇڭ كۆزىنى بىر لىپىلدىتىپلا دەرەخ شېخىدا تۇرغان شاپتۇلغا ئايلىنىدۇ؛ باتۇر قىلىچنى ئالۋاستىنىڭ كۆكرىكىگە سانجىشى بىلەنلا ئالۋاستى غايىب بولۇپ، نىقابلانغان تېرىسى قېلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئاجايىپ - غارايىپ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئاپپاراتنى بىر توختىتىپ يەنە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. مۇنداق كارامەتلىك تېخنىكا بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسىدە ئىجاد قىلىنغان.
فرانسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داڭلىق كىنو سەنئەتكارى گېئورگې مېلېي بىر كۈنى پارىژ كوچىسىدا كىنو ئېلىۋاتقاندا ئاپپاراتتىن كاشىلا چىقىپ پليونكىنى قىسىۋالغان. ئۇلار كاشىلىنى ئوڭشاپ داۋاملىق سۈرەتكە ئالغاندا، نەق مەيداندىكى باياتىن ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار ئاللىقاچان كېتىپ قېلىپ، تاۋۇت توشۇيدىغان بىر ئات ھارۋا مېڭىپ ئۆتكەن، ئەينى چاغدا مېلېيمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان. كېيىن، فىلىمنى قويغاندا ئېكراندا مۆجىزە پەيدا بولغان: سۈرەتتىكى مېڭىۋاتقان ماشىنىلار تۇيۇقسىز تاۋۇت توشۇۋاتقان ھارۋىغا ئايلىنىپ قالغان! ئىلگىرى سېھىرگەر بولۇپ باققان مېلېينىڭ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كەتكەن. شۇ چاغدا ئۇ ئاپپاراتنى بىر توختىتىپ يەنە ئېلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقان. ئۇ، مۇشۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ «ئېسىلزادە خانىمنىڭ يوقاپ كېتىشى» ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن. ئېسىلزادە خانىمنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى تاماشىبىنلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان. كېيىنچە مېلېي ئۈستىلەپ بېسىش، كۆپ قېتىم يورۇقلۇق تەسىر قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئىجاد قىلغان.
مېكسىكا فىلىمى «ئېسېنىيە» دە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار: ئوسۋالدو توي كىيىمى كىيىۋالغان لۇئىساغا قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا ئېسېنىيەنى ئەسلەيدۇ. شۇڭا، لۇئىسا كۆڭلەكنى بىر چۆرگىلىتىشى بىلەنلا ئوسۋالدونىڭ كۆز ئالدىدا توي كىيىمى كىيگەن ئېسېنىيە پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر دەل بىر توختاپ يەنە ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە سۈرەتكە ئېلىنغان.