ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
نەچچە تۈمەن يىل ئىلگىرى ئىنسانلار قانداق ئىدى؟ نەچچە تۈمەن يىلدىن كېيىن ئىنسانلار قانداق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟ سىرتقى پلانېتا ئادەملىرى يەر شارىغا قەدەم تەشرىپ قىلارمۇ؟ ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلارمۇ؟ مانا بۇ ئوي - خىياللارنى كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇ پەقەت كىنو، تېلېۋىزىيىنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، رېئال تۇرمۇش بىلەن ھازىرقى ئىلمىي ھالەت ئاساس قىلىنغان، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا خىيال ۋە تەسەۋۋۇر ئېلىپ بارىدىغان ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم بارلىققا كەلدى. ئۇ، كىنونىڭ مۇھىم بىر تۈرى.
بۈگۈنگىچە بارلىققا كەلگەن ئىلىم - پەن قائىدىلىرى ۋە ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، كېلەچەكتىكى دۇنيا ۋە يىراق ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خىيالىي شەكىلدە تەسۋىرلەش ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىلىم - پەنگە خىلاپ ھالدا ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئىلگىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلىم - پەن رېئاللىقىغا ئېسىلىۋېلىشمۇ ئارتۇقچە ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئىجادىيەتچى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تولۇق قانات يايدۇرسا بولىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي، مۇرەككەپ، مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئاجايىپ ۋەھىمىلىك بولىدۇ.
ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمنىڭ تەرەققىياتى ئىلمىي فانتازىيىلىك رومانلارنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.50 - يىللاردىن باشلاپ ئىلمىي فانتازىيە رومانلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنولار تەدرىجىي كۆپەيدى. كېيىنچە، ئامېرىكىدىكى ھوللېۋود ئىشلىگەن «پلانېتىلار ئارا ئۇرۇش» ۋە «.T.E» قاتارلىق فىلىملەر پۈتۈن ياۋروپا كىنو ساھەسىنى زىلزىلىگە سالدى. ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم ئەڭ بۇرۇنقى ئېكسپېدىتسىيە فىلىملىرىنىڭ راۋاجىدۇر. فرانسىيە كىنو ئۇستازى گ. مېرراي1902 - يىلى ئىشلىگەن «ئايغا ساياھەت» ئەڭ بۇرۇنقى ئېكسپېدىتسىيە فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.
مۇنەۋۋەر ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى جانلاندۇرۇش، ئىلىم - پەننىڭ كېلەچىكىنى پەرەز قىلىش، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاساسىي ئىلمىي قائىدىگە خىلاپ، خىيالىي شەكىلدىكى ئەپسانىۋى فىلىملەر ۋە جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ۋەقەلىكلىرى مەزمۇن قىلىنغان فىلىملەر ئىلمىي فانتازىيە فىلىمىگە كىرمەيدۇ.