تېلېۋىزىيە تىياتىرى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
1930 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىلى شېكەر ئادەم» (ئەنگلىيە) قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە60 يىل ئۆتتى. ئەڭ دەسلەپكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىش زالىدىن بىۋاسىتە تارقىتىلاتتى. ئاپپارات ئاكتيورغا ئۇدۇل قارىتىلاتتى - دە، ئۇنىڭ ئوينىغىنىنى ئۇدۇللۇق تارقىتىۋېرەتتى. ئۇ چاغلاردا سىنئالغۇ ۋە سىنئالغۇ لېنتىسى بولمىغانلىقتىن، تارقاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايتتى.50 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، كىشىلەر كىنو پليونكىسىدىن پايدىلىنىپ تېلېۋىزور ئېكرانىدىن سۈرەتكە ئېلىشنىڭ نومۇرلارنى ساقلاپ قويۇش، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش ۋە نومۇرلارنى تارقىتىشقا ئەپلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. كىچىك تېلېكامېرا، قۇتىلىق سىنئالغۇ لېنتا ۋە سىنئالغۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى رەتلەپ ئىشلەش ئۇسۇلىدا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. ناھايەت، تېلېۋىزىيە تىياتىرى كىنو - تىياتىر بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئورۇنغا ئېرىشتى.1954
- يىلى ئامېرىكىنىڭ رەڭلىك تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تارقىتىشىغا ئەگىشىپ رەڭلىك تېلېۋىزىيە پۈتۈن دۇنياغا تېز سۈرئەتتە تارقالدى. نەتىجىدە، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى رەتلەپ ئىشلەش سۈپىتى، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش چىنلىقى ۋە بەدىئىيلىك دەرىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش خىزمىتى سۈرەتكە ئېلىش زالىدىن ھالقىپ، سىرتقى مەنزىرىلەردە سۈرەتكە ئېلىش باسقۇچىغا ئۆتتى، كىنو تېخنىكىسىنى ئۈلگە قىلغان ھالدا ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.60 - يىللارنىڭ بېشىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرى كىنو ۋە تىياتىر بىلەن تاماشىبىن تالىشىشقا باشلىدى، جۈملىدىن بۇ ئىككىسىگە قارىتا تەھدىت شەكىللەندۈردى. بۇ ئىش ھوللېۋودتىكى كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. نەتىجىدە، ئۇلار قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى كونا فىلىملەر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزى كۆپلەپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەشكە،تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھوللېۋودتىكى كىنو ئىشلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىدە خاتالاشقانلىقىنى دەرھال سېزىۋالدى، شۇڭا60 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىنو - تېلېۋىزىيە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئارتۇقچىلىق - كەمچىلىكلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. زور بىر تۈركۈم كىنو سەنئەتكارلىرى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشكە ئاتلىنىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ خىلغا ئايرىلىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ. ئۇلار ھازىرچە تاق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، داۋاملاشما تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. تاق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىر قېتىمدىلا قويۇپ تۈگىتىشكە بولىدۇ. ئۆلچەملىك ئۇزۇنلۇقى50 مىنۇت بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئۈچ قىسىمدىن تۆۋەن بولغانلىرى تاق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ياتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. داۋاملاشما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۇزۇن» بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھازىر تۆت قىسىمدىن يۇقىرى بولغانلىرى داۋاملاشما تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ياتىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تاج كىيىش مۇراسىم كوچىسى» 1144 قىسىم بولۇپ، ئۇدا15 يىل قويۇلغان. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى داۋاملاشما تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشىمايدۇ، ھەربىر قىسىمدا بىر پۈتۈن مۇستەقىل ھېكايە بايان قىلىنىدۇ. ئۇنى ئۇلاپ كۆرسىمۇ، ئارىلاپ كۆرسىمۇ بولىۋېرىدۇ.