UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاكىنو خۇدۇ ژنىكى

كىنو خۇدۇ ژنىكى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا كىنو خۇدۇژنىكى (گۈزەل سەنئەت خادىمى، گۈزەل سەنئەت لايىھىلىگۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەكىل، نۇر، رەڭ قاتارلىق ئوبراز يارىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ كىنو ئوبرازىنى ئىجاد قىلىدۇ. كىنو خۇدۇژنىكى رېژىسسور، ئوپېراتور، خۇدۇژنىك ئۈچى بىرلىككە كەلگەن بىر تۇتاش لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، فىلىمنىڭ بىر پۈتۈن ئوبراز يارىتىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، دېكوراتسىيە، جابدۇق، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلار بىلەن فىلىمنىڭ تېما، ئۇسلۇبىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلايدۇ، ئاپپارات ئورنى، نۇر، فىلىم كەيپىياتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق ھالدا سىرتقى كۆرۈنۈش ئورۇنلىرىنى تاللاش ۋە دېكوراتسىيە ياساش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. كىنونىڭ گۈزەل سەنئىتىدە دېكوراتسىيە قۇراشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. كىنو ستۇدىيىسىدە ئالدىن ياسالغان ھەر خىل ئۆلچەمدىكى دېكوراتسىيە پارچىلىرى داۋاملىق ساقلىنىدۇ. بۇ دېكوراتسىيە پارچىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمىغان دېكوراتسىيىلەرنى قۇراشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل شەكىللىك تاختاي، تام، ئىشىك، دېرىزە قاتارلىقلار. كۆرۈنۈشتە قاتلاملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، دېكوراتسىيە ئارىسىدىكى «ئىشىك سىرتى» ۋە «دېرىزە سىرتى» غا «ئارقا پەردە» ياكى ئارقا توسۇق قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئارقا پەردىگە ئاق بۇلۇت، قارا بۇلۇت قاپلىغان ئاسمان، دولقۇنلاۋاتقان ئالتۇن باشاقلار، چەكسىز كەتكەن قارلىق دالىلار قاتارلىق خىلمۇخىل ئۆزگىرىشچان مەنزىرىلەرنى سىزىشقا بولىدۇ. ئارقا پەردىگە رەڭ پۈركۈپ سىزىشتىن پايدىلىنىپ كوچا، كەنت، قورۇ، تاغ، ئورمان قاتارلىق مەنزىرىلەرنىمۇ سىزىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇزىكىلىق ناخشا - ئۇسسۇللۇق فىلىم «ئاشېما» دىكى ئاشېما بىلەن ئاخېي كەچكى شەپەقتە ناخشا ئېيتىشىدىغان بىر مەيدان كۆرۈنۈشتە، خۇدۇژنىك سۇ بوياقنى ئارقا پەردىگە ناسۇس بىلەن پۈركۈپ شەپەق قاپلىغان ئاسماننى شەكىللەندۈرگەن، ئاندىن موي قەلەم بىلەن چەكسىز كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك يايلاقنى سىزىپ چىققان، «يايلاق» قا بىر توپ قويلارنىمۇ سىزىپ قويغان. سۈرەتكە ئالىدىغان چاغدا ئاكتيورلار سۈنئىي يايلاقتا تۇرۇپ ناخشا ئېيتىشقان، ئاخېي تېخى بىرنەچچە راست قوينى ھەيدەپمۇ ناخشا ئېيتقان. قىسقىسى، خۇدۇژنىكنىڭ قەلىمىدىن پەيدا بولغان سۈنئىي يايلاق بىلەن راست قويلار بىر گەۋدە بولۇپ، راست - يالغاننى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئۈنۈمنى شەكىللەندۈرگەن. ھەرىكەتچان ئارقا توسۇق ۋە پرويېكتوردىن پايدىلىنىپ شەپەق، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، ئېقىن دەريا، دېڭىز دولقۇنى قاتارلىق ھەرىكەتلىك ھالەتلەرنىمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئارقا توسۇق ئالاھىدە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈن كۆرۈنۈشىدىكى نۇر ئۈنۈمىنى چىقارغىلى بولىدۇ. سىۋېت بىلەن دېكوراتسىيىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار، شىددەتلىك بوران - چاپقۇنلارنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بوران، يامغۇرلۇق كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالىدىغان چاغدا، بىر تەرەپتىن، دېكوراتسىيە بىلەن ئارقا توسۇقنى، بىر تەرەپتىن، پۈركۈش شلانكىسىنى ئىشلىتىپ، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچۇۋاتقان بۇلۇتلارمۇ قوشۇلۇپ، يىراق - يېقىندىن سۈرەتكە ئېلىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ. دېمەك، كىنو خۇدۇژنىكى راستتىنلا ئېكراندا «بوران چىقىرىپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ».
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا