سۈرەت، ئاۋاز بىردەك بولغان ئۈن ئېلىش
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
ئاۋازلىق كىنو پەيدا بولغاندىن بۇيان، كىنونىڭ ئۈن ئېلىش ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن، پاتېفون بىلەن ئاۋاز بېرىش ھازىرقى كۆپ يوللۇق ئۈن ئېلىش، ستېرېئو ئاۋازلىق ئۈن ئېلىش ۋە رەقەملىك ئۈن ئېلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
كىنودىكى ئاۋازلار ئادەتتە تىل، ئاكۇستىكا (سىرتتىن بېرىلىدىغان ھەر خىل ئاۋازلار) ۋە مۇزىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئاۋازنىڭ ھەربىرى كىنودا ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، كىنونىڭ ئاۋاز ئوبرازىنى ھاسىل قىلىدۇ. فىلىم مەزمۇنى، ھەرىكىتى، كەيپىياتىغا ماس كەلگەن ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بولغان بۇ خىل ئاۋاز ئوبرازلىرى ئېكران ئوبرازىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتە، ناخشا - ئۇسسۇللۇق فىلىم، تىياتىر فىلىمى، مۇزىكىلىق فىلىملەرنىڭ ھەممىسىگە ئالدىن ئۈن ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. لېكىن، مەيلى مەخسۇس ئۈن ئېلىش زالىدا ئېلىپ بارىدىغان ئالدىن ئۈن ئېلىش، كېيىن ئۈن ئېلىش (سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈن ئېلىش) بولسۇن ياكى سۈرەتكە ئېلىش زالى ياكى سىرتقى كۆرۈنۈش نەق مەيداندا سۈرەت بىلەن ئۈننى تەڭ ئېلىش بولسۇن، ھەممىسىدە ئاۋاز بىلەن سۈرەتنىڭ بىردەك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. فىلىمدىكى ئاۋاز (بولۇپمۇ تىل)، ئاكتيورنىڭ ئېغىز شەكلى، ھەرىكىتى، كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، ئارىلىقنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا زىچ ماسلىشىپ، تاماشىبىنلارغا چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. كىنودىكى ئاۋاز بىلەن كۆرۈنۈش ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بەدىئىي ئۈنۈمنى كۈچەيتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى تېررورلۇق فىلىملەردە ئاۋازنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، «يېرىم كېچىدىكى ناخشا ئاۋازى» دىكى «ئالۋاستى» چىقىدىغان كۆرۈنۈش ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئېلىنغان. يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ ئۆي، ئىشىك ئاستا - ئاستا ئېچىلىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشكە ماسلاشقان بىر جىددىي، بىر ئاستا غىچىلدىغان ئاۋاز، تۇيۇقسىز «تاراڭ» قىلىپ سوقۇلغان ئاۋاز، مەخلۇقنىڭ ھۇۋلىغىنىنى ئەسلىتىدىغان ئاۋاز قاتارلىقلار كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە تاماشىبىنلارغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋېتىدۇ.
رېئال تۇرمۇش مۇھىتىدا خىلمۇخىل ئاۋازلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاددىي، بەزىلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ. شۇڭا، فىلىمنىڭ ئاۋازلىرىنى ئۈن ئېلىش، رەتلەش جەريانىدا، مۇھىتتىكى ئارىلاشما ئاۋازلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە سەل قارالسا فىلىمنىڭ چىنلىقىغا جەزمەن تەسىر يېتىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ئادەمنىڭ بازاردا گەپلىشىپ ماڭغىنىنى سۈرەتكە ئالماقچى بولسا، ئىككى ئادەمنىڭ دىئالوگىدىن سىرت، يەنە بازاردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازلارمۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاۋازى قىلىنغاندا ھەتتا ئاشۇ ئاۋازلار تۈپەيلى ئىككى ئادەمنىڭ دىئالوگى بەزىدە ئېنىق، بەزىدە تۇتۇق چىقسا، ئاندىن چىنلىق ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۈن ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىدا ستېرېئو ئاۋازلىق ئۈن ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. مەسىلەن، «تەڭداشسىز سۇخسۇر پۇت» تىكى ئاۋازلار ناھايىتى ئەينەن چىققان. قاچا - قۇچا دۇكىنىدىكى كۆرۈنۈشتە ئاكتيورنىڭ مۇشت ئاتقان، تەپكەن ھەرىكىتى، رەت - رەت تىزىلغان قاچا - قۇچىلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ پارە - پارە بولغىنى كۆرۈنىدۇ. مۇشت ئاتقان ۋە تەپكەندىكى «گۇم - گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن قاچا - قۇچىلارنىڭ «جاراڭ - جۇرۇڭ» قىلىپ سۇنغان ئاۋازى ستېرېئولۇق ئۇسۇل بىلەن ئېلىنغانلىقتىن كۆرۈنۈشكە ماس كېلىپ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان سوقۇشۇش مەيدانىنى ئەينەن ئىپادىلىگەن.