UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاتەقلىد قىلىش ئۇسۇلى

تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىلىمى «بىر دۆلەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى» دە زور كۆلەملىك ئۇرۇش مەيدانى تۇنجى قېتىم نامايان قىلىنغان. ئۇرۇش مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە تېخنىكا ۋاسىتىلىرى مۇشۇ فىلىمدە تولۇق ئىشلىتىلگەن. ئۇرۇش فىلىملىرىدە، ھەممە يەرنى ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى، توپ - زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى، گويا ئۆزىنى جەڭ مەيدانىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، نەق مەيداندا ئۇنچىۋالا توپ - زەمبىرەكلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كۆرۈنۈشلەردە ھەممىنى راست ئىشلىتىپ سۈرەتكە ئالسا، چىقىم بەك كۆپ بولىدۇ، بىخەتەر بولمايدۇ. زەمبىرەك ئوقىنىڭ پارتلىشىنى ئىپادىلەشتە، پارتلاتقۇچ دورا ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كۆمۈپ قويۇلىدۇ، ئاندىن تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. پوتەي، كۆۋرۈك، ئىمارەتلەرنى زەمبىرەك ئوقى بىلەن پارتلىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلەشتە، ئاۋۋال مودېل پارتلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىن لايىھىلەنگەن ئىس - تۈتەكلەر قوشۇلۇپ، راست پارتلىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ. تۇمان ياكى ئىس - تۈتەك قويۇپ بېرىشتە، مەخسۇس پۈركىگۈچ ئەسۋابى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا رەڭلىك نۇر سۈزگۈچ قوشۇلسا، ئېھتىياج بويىچە ھەر خىل رەڭلىك تۇمانلارنى چىقارغىلى بولىدۇ، ئىس - تۈتەك ئارىسىدىكى بومبا پارتلىغان ۋە ھەر خىل ئوت يالقۇنلىرى يالقۇن چاپچىقى بىلەن ھاسىل قىلىنىدۇ. «چاڭجياڭدىن ئۆتۈپ رازۋېدكا قىلىش» فىلىمىدە، نۇرغۇنلىغان زەمبىرەكلەر جەنۇبقا قارىتىپ ئېتىلغان، كېچە ئاسمىنىدا ئوت ئۇچقۇنلىرى كەينى - كەينىدىن يالتىراپ، كىشىنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇنى سۈرەتكە ئالغاندا، بىر پارچە قارا قەغەزگە كۆرۈنۈش ئۇزۇنلۇقى ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ سانىغا قاراپ، ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان زەمبىرەك ئوقى شەكلىدىكى تۆشۈكلەر ئېچىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى مەخسۇس ياسالغان تۇتۇق ئەينەك جازىنىڭ ئۈستىگە يانتۇ قويۇپ، دەريا قىرغىقى ۋە ئاسمان سىزىلغان ماي بوياق رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىرىنچى قېتىم سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، ئاندىن فىلىمنى كەينىگە قايتۇرۇپ، مەخسۇس ئالاھىدە تېخنىكىلىق سۈرەتكە ئېلىش ئۆيىدە ھېلىقى قارا قەغەزنى تۇتۇق ئەينەك ئۈستىدە ئوڭدىن سولغا قاراپ رامكا بويىچە مىدىرلىتىدۇ، سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسى، ئارىلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، توپ ئوقىنىڭ يىراقتا كىچىك، يېقىندا چوڭ بولۇپ كۆرۈنىدىغان ئۈنۈمى تەبىئىيلا ھاسىل بولىدۇ. دېمەك، راست زەمبىرەك ۋە ئوق ئىشلەتمەيمۇ زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ چاڭجياڭدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. كىنودىكى زىچ ياكى شالاڭ زەمبىرەك ئاۋازلىرى، گۈرۈلدىگەن تانكا ئاۋازلىرىنىڭ ئاز ساندىكىلىرى نەق مەيداندا ئېلىنىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى تەقلىدىي ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، زەمبىرەك ئېتىلغان ئاۋاز دۇمباق چېلىش ئارقىلىق پەيدا قىلىنىدۇ، ھەر خىل ئوقلارنىڭ ھاۋانى يېرىپ ئۇچۇۋاتقاندىكى ۋىژىلدىغان ئاۋازى قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان «ۋىژىلدىغۇچ» ياكى نەي بىلەن تەقلىدىي چىقىرىلىدۇ … پەم بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن زەمبىرەك، مىلتىق ئاۋازلىرى كۆرۈنۈشكە چىنلىق بېغىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا