ھەممىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرىدىغان كىنو رېژىسسورى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
كىنو رېژىسسورى كىنو بەدىئىي ئىجادىيىتىنىڭ رەھبىرى ۋە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ باش مەسئۇلى. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئىچىدە رېژىسسور ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، فىلىمنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە شەكىل جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇشى ھەم بىرلىككە كېلىشىگە كېپىللىك قىلىدۇ.
كىنو رېژىسسورى ئەدەبىي سېنارىيىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلايدۇ، ئوپېراتور، گۈزەل سەنئەت لايىھىلىگۈچى، كومپوزىتور ۋە فىلىم مۇدىرى قاتارلىق ئاساسلىق خادىملارنى تەشكىللەيدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈش خىللايدۇ، ئاكتيور تاللايدۇ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ، كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەن سېنارىيىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدىكى بىر قاتار خىزمەتلەر تەق بولغاندىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىدۇ. بۇ خىزمەت تاكى ئاخىرقى مەزگىلدىكى رەتلەپ ئىشلەشنى پۈتكۈزگىچە داۋاملىشىدۇ.
بىر فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقى رېژىسسورنىڭ بەدىئىي قابىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مانا بۇ، رېژىسسورلاردىن كەڭ ۋە چوڭقۇر بەدىئىي تەربىيىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. داڭلىق كىنو رېژىسسورى ئېيسىن ستېيىن، كۇرۇساۋا ئاكىرا ئەسلىدە گۈزەل سەنئەت خادىمى بولۇپ، كۆرۈنۈش ۋە رەڭ جەھەتتە مول ھېسسىي تەجرىبە ۋە ئەقلىي تونۇشقا ئىگە ئىدى. رېژىسسوردا يەنە كىنو ئاكتيورى بولۇش، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتى بولۇشى، فىلىم ئىشلەش قانۇنىيىتىنى پىششىق بىلىشى، تولۇپ تاشقان كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بولۇشى شەرت. مەسىلەن، ئالتە توم سەككىز قىسىملىق چوڭ تىپتىكى كۆپ قىسىملىق فىلىم «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ رېژىسسورى شيې تېلى ئىنتايىن مول كىنو ئىجادىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر كلاسسىك ئەسەر «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» كە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلغان. «چۈن تاۋ» فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلغان لىن زىفېڭمۇ ئەدەبىيات جەھەتتە چوڭقۇر تەربىيە ئالغان، كونا بېيجىڭنىڭ ئۆرپ - ئادەت ھەمدە مەخپىي تارىخىي ۋەقەلەرنى پىششىق ئىگىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن يەرلىك خۇسۇسىيىتى قويۇق ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ فىلىمنى ئۇتۇقلۇق ئىشلەپ چىققان.
بەزى مەيدانى چوڭ، پېرسوناژلىرى كۆپ تارىخىي فىلىملەرنى ئىشلەشتە، رېژىسسوردا زېرەك ۋە قابىل تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇشى شەرت. مەسىلەن، «دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمى» نىڭ رېژىسسورى لى چيەنكۇەن، شياۋ گۇييۈن (ئەر - خوتۇن)، قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە130 نەپەر تارىخىي شەخسنىڭ رولىنى ئالغۇچىلارنى تاللاپ تەق قىلغان ھەمدە فىلىم ئىشلەش زور قوشۇنىنى باشلىغان ھالدا «جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى» قىلىپ، خۇەيخەي ئۇرۇشى، چاڭجياڭدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىدىن تاكى دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىغىچە بولغان تارىخىي مەيدانلارنى قايتىدىن ئىپادىلىگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كىنو رېژىسسورى باندارچۇك «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ جۇرودىنو ئۇرۇشىنى سۈرەتكە ئالىدىغان چاغدا، خاسىيەتلىك ئادەملەردىلا بولىدىغان ئىقتىدارنى ئىشقا سېلىپ، قەدىمىي ھەربىي فورما كىيىپ ئاممىۋى رولغا چىقىدىغان12 مىڭ ئادەمنى ئىككى ئاي ئىچىدىلا رولغا كىرەلەيدىغان قىلىۋەتكەن. ئالاقىلىشىش بەلگىسى، رەتكە تىزىلىش ۋە جەڭ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئەينى چاغدىكى تارىخىي چىنلىق بويىچە ئورۇنداپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر جەڭ مەيدانىنى سۈرەتكە ئالغاندا دائىم يۈز بېرىدىغان ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن ساقلانغان.
مۇۋاپىق ئاكتيورلارنى تاللاپ بېكىتىش فىلىم مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن رېژىسسوردا يۈكسەك بىلىم سەۋىيە ۋە بەدىئىي كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى شەرت. بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىدىن چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن: شيې جىننىڭ «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» دا جۇ شىجۇەننى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكى، «ياشلىق باھارى» دا چېن چۇڭغا مۇھىم رول تەقسىم قىلغانلىقى فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئاكتيورمۇ جامائەتكە تونۇلدى. كىنوغا ئېلىش جەريانىدا بەزى رېژىسسورلار ئاكتيورنى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنداشقا قىستايدۇ، بەزى رېژىسسورلار ئاكتيورغا ئىلھام بېرىپ نەق مەيداندا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. رېژىسسورلارنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئىستىلىدا قانداق ئوخشىماسلىقلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىنو ئەسىرى جەزمەن رېژىسسور مۇددىئاسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇشى شەرت، شۇڭا كىنونى كىشىلەر رېژىسسورنىڭ سەنئىتى دەپ ئاتايدۇ، ھەممىنى جاي - جايىدا ئورۇنلاشتۇرىدىغان رېژىسسورنى فىلىمنىڭ جېنىغا ئوخشىتىدۇ.