ھېكايە فىلىمنىڭ نەمۇنىلىكى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
ئادەتتە بىر پۈتۈن ۋەقەلىككە ئىگە، پېرسوناژ خاراكتېرىدە تەرەققىيات بولغان، روشەن بىر تېما ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن فىلىم ھېكايە فىلىم دېيىلىدۇ.
ھېكايە فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئېنىق، مەلۇم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى زۆرۈر. مەسىلەن، «شياڭزى تۆگە» فىلىمىدىكى خۇنيۇ رىكشىچىلار خوجايىنىنىڭ قىزى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدىن ئېكسپىلاتاتورلارنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيەتلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە كۈن بويى بەدىنىدىن تەر پۇراپ تۇرىدىغان رىكشىچىلار بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ. دادىسى پۇلنىلا قوغلىشىپ، قىزىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، قىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. شۇڭا، خۇنيۇ دادىسىغا ئۆچ، لېكىن ئىقتىسادتا دادىسىغا تايانماي ئامالى يوق. ئۇ، شياڭزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بىر ئامال قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تارتىشقا، كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما شياڭزىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ، ئۇنى كۈن بويى ئۆيگە سولاپ قويساملا بولدى دەپ ئويلايدۇ. ئۇ، شياۋفۇزىغا ھەسەت قىلىدۇ، ئۇنى نومۇسسىز دەپ تىللايدۇ، بىراق شياۋفۇزى ئۇكىسى بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ يىغلىغاندا، خۇنيۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ ئەمدىلا بازاردىن سېتىۋالغان گۈرۈچنى شياۋفۇزىغا بېرىۋېتىدۇ. شۇڭا، خۇنيۇنىڭ ئوبرازى چىن ھەم ئىشەنچلىك.
ھېكايە فىلىم ۋەقەلىككە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىگەن فىلىم «قىرىق بىرىنچى» دە، مەرگەن جەڭچى ماليوتكا قىرىق دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قىرىق بىرىنچىسىگە ئوق تەگمەي قالىدۇ. تاسادىپىي كۆتۈرۈلگەن دېڭىز بورىنى ئۆلۈمدىن ساق قالغان دۈشمەن ئوفىتسېرى بىلەن ماليوتكىنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ئادەمزات يوق بىر ئارالغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. بىر - بىرىگە ئۆچ بۇ ئىككى رەقىب مۇشەققەتلىك مۇھىتتا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرلىق ھەم ئەگرى - توقاي ۋەقە بارلىققا كېلىدۇ.
ھېكايە فىلىم يەنە دائىم تەسىرلىك ئۇششاق دېتاللار ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ. «مۇھەببەت ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ» فىلىمىدە، ھەدىسى سۈن نى يىرتىلىپ، كىچىكلەپ، پەقەت كىيگۈچىلىكى قالمىغان بىر پوپايكىنى سىڭلىسى خۇاڭ مېيغا بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىڭلىسى گويا گۆھەرگە ئېرىشكەندەك خۇش بولۇپ، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. مانا بۇ دېتال60 - يىللارنىڭ بېشىدا مەملىكىتىمىز يېزىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قالاق ھالىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.