كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيىسى
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەش بىر ئاساسقا موھتاج. بىر ھېكايە فىلىمنى ئىشلەشتىن بۇرۇن بىر ھېكايە بولۇشى كېرەك. بۇ ھېكايە يازما ھالەتتە بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، يازغاندىمۇ كەلگۈسىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ شەكلىدە يېزىلغىنى دەل كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيىسى بولىدۇ.
كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيىسىنى بىر ئادەم مۇستەقىل ئىجاد قىلسىمۇ، بىرقانچە ئادەم كوللېكتىپ ئىجاد قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئىجاد قىلغۇچى (سېنارىست) ئۆزىنىڭ بەدىئىي لايىھىسى ۋە تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىغان بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىدۇ، ئاندىن ئاشۇ ئوبرازلاردىن پەيدا بولغان ۋەقەلەرنى توقۇپ چىقىدۇ.
سېنارىيىدە ئەدەبىيات شەكلىدىن پايدىلىنىپ مەنە ۋە ھېكايە ئىپادىلىنىدۇ. سېنارىيىنى كىشىلەر ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، سېنارىيىنى يېزىشتا سۈرەتكە ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە ئېكراندا ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجادىيەتچى جەزمەن كىنو - تېلېۋىزىيىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈشى شەرت. مەسىلەن، بۇنىڭدا جەزمەن ئوبرازلىق ئىپادىلەش بولۇشى، يەنى سېنارىيىدە تەسۋىرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى بولىدىغان، ھەرىكەتچان، سۈرەتكە ئېلىپ ئېكراندا قويغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى لازىم. ئەگەر ھاۋانىڭ ناھايىتى سوغۇقلۇقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، ئۇنى سېزىم جەھەتتىنلا ئويلىشىپ: «ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقىدىن تامچىلىغان سۇمۇ مۇزلاپ قالدى، كىشىلەر تالاغا چىقسىلا بۇرنى ئۈششۈپ قالىدىغاندەك ئۆيگە بېكىنىۋېلىشتى، تالاغا چىقىشنى خالىمىدى» دەپ يازسا بولمايدۇ، بەلكى مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: «قىرو باغلىغان قاخشال دەرەخ شاقلىرى شامالدا لىڭشىپ تۇراتتى. كىشىلەر پاختىلىق چاپان، جۇۋىلارنى كىيىپ كوچىدا ئالدىراپ ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشەتتى. ئۆي ئىچىدە بىرنەچچە ئادەم مەش يېنىغا ئولىشىپ ئوتسىنىۋاتاتتى. دېرىزە ئەينەكلىرىدە مۇز توڭلىغانىدى.» سېنارىيە يازغاندا ئاۋازنىڭ ئىشلىتىلىشىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ئاۋاز پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگىنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى سىرتتىن بېرىلىدىغان تەقلىدىي ئاۋازلار ۋە مۇزىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە رەتلەپ ئىشلەش جەريانىدا كېسىپ ئۇلاش ئارقىلىق مونتاژ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
سېنارىيە − بىر پۈتۈن كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاساسى. ئۇ كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنىڭ بىرىنچى ئىش تەرتىپى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەلگۈسى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ياخشى چىققان ھەرقانداق كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ سېنارىيىسى جەزمەن ياخشى يېزىلغان بولىدۇ. دەرۋەقە، رېژىسسورنىڭ قۇربى يەتمىسە، ياخشى سېنارىيىنى ئادەتتىكى بىر فىلىم قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا سېنارىيىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئۆزگەرتىلمىگەن بولسا، ئۇنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى فىلىم قىلىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ.