كومېدىيىلىك فىلىم
كىنو ۋە پەن - تېخنىكا
ھەر خىل ئاماللار بىلەن تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرىدىغان فىلىم كومېدىيىلىك فىلىمدۇر. ئۇ، كىنو تارىخىدا ئەڭ بالدۇر مەيدانغا چىققان فىلىم خىللىرىنىڭ بىرى.
كومېدىيىلىك فىلىمنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭىچە بولۇش، بەدىئىي لايىھىسى ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇش، كومېدىيىلىك پېرسوناژ يارىتىش، دىئالوگلىرى شوخ، قىزىق بولۇش ھەمدە ئۇقۇشماسلىق، تاسادىپىيلىق، مۇبالىغە، مەسخىرە قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ «كۈلكە» ئۈنۈمىنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت.
كۈلكە ئارقىلىق گۈزەل كەيپىياتلارنى مەدھىيىلىگىلى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇن بولۇۋاتقان كونا ئىدىيە، كونا ئادەتلەرنى تەنقىدلىگىلى بولىدۇ.
چارلىز چاپلىن پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان كومېدىيىلىك فىلىم پېشۋاسى.1914 - يىل2 - ئاينىڭ28 - كۈنى ئۇ «ئۆتكۈنچى يامغۇر ئارىلىقىدا» ناملىق فىلىمدە سەرگەردان شارلونىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بېشىغا يۇمىلاق شىلەپە، پۇتىغا يوغان بەتىنكە كىيىپ، قولىدا بامبۇك ھاسىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆردەكتەك ئىرغاڭلاپ مېڭىش بۇ پېرسوناژنىڭ ئوبراز ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبراز كېيىنچە چاپلىننىڭ كومېدىيىلىك كىنولىرىدىكى ئاساسلىق ئوبراز بولۇپ قالدى. چاپلىننىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «ئالتۇن قېزىش»، «شەھەر مەنزىرىسى»، «مودا دەۋرى»، «چوڭ مۇستەبىت» قاتارلىقلار كىنو تارىخىدىكى كلاسسىك كومېدىيىلىك فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ كومېدىيىلىك فىلىملىرى خېلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن.1913 - يىلىدىكى «دەردمەن ئەر - خوتون» دەل فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىنى قامچىلايدىغان قىسقا كومېدىيىلىك فىلىم ئىدى.30 - يىللاردا ئىشلەنگەن «كوچىدىكى ئايال، كۆڭۈلدىكىدەك كۈيئوغۇل، يالغان سۇمۇرغ» قاتارلىقلار چوڭقۇر ئىدىيىۋىلىككە ئىگە ئىلغار كومېدىيىلىك فىلىملەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىللار مابەينىدە يەنە بىر تۈركۈم ئوخشاش بولمىغان تېما ۋە ئۇسلۇبتىكى كومېدىيىلىك فىلىملەر مەيدانغا كېلىپ، تاماشىبىنلار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان نەمۇنىلىك ھېكايە فىلىملەرگە ئايلاندى.