UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاشەكلى رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى

شەكلى رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا كىنو كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ، بەدىئىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن تېلېۋىزىيە تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى.1936 - يىلى ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى لوندوندا تۇنجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قۇرۇپ، رەڭسىز تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى تارقاتتى.1953 - يىلى ئامېرىكا رەڭلىك تېلېۋىزورنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بىراق ئۇنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولدى.1962 - يىل7 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئامېرىكا «تور ئۈچ بۇرجەك» شەكىللىك راكېتا ئارقىلىق «ئېلېكترون يۇلتۇز» سۈنئىي ھەمراھىنى ئاسمانغا چىقىرىپ، تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ بوشلۇقىدىكى تارقىتىش پونكىتىغا ئايلاندۇردى. ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوكيان ئارا تارقىتىشنى سىناق قىلىپ ئۇتۇق قازاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ تېلېۋىزىيە ئۆزگىچە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئىقتىدارى بىلەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ۋە ئومۇملىشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت - سەنئەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.1958 - يىل5 - ئاينىڭ1 - كۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى − بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسى) سىناق قىلىپ تارقىتىشنى باشلىدى. شۇ يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بىر چىشلەم پۆرە» تېلېۋىزىيىدە تارقىتىلدى.70 - يىللاردىن كېيىن، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئاساس قىلغان تېلېۋىزىيە ئەدەبىيات - سەنئىتى تىياتىر، كىنونىڭ چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرى كىنونىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلاندى، ئۆزىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنىمۇ جارى قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار ئىختىيارىي تاللاپ ھۇزۇرلىنىدىغان شارائىت بارلىققا كەلدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىشتىن سىرت، تېلېۋىزىيە يەنە كىنو ۋە تىياتىر ئويۇنلىرىنى تارقىتىپ، ھازىرقى زامان تاماشىبىنلىرى قوبۇل قىلىدىغان كۆرۈش، ئاڭلاش ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتتى. نەق مەيداندىن تارقىتىشتىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولغاندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى تېخىمۇ زور تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئۇنىڭ خەۋەر خاراكتېرلىك نومۇرلىرى، سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرلىك نومۇرلىرى، بىلىم خاراكتېرلىك نومۇرلىرى، شۇنىڭدەك ئوقۇتۇشقا ئائىت نومۇرلىرى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندى. ئۇ تارقاتقان خەۋەرلەر چىنلىق ۋە تېزلىك جەھەتتە كىنودىن بىرنەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. كىشىلەر تېلېۋىزورنى ئېچىپلا بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زور ۋەقەلەر، ھەر خىل ئىجتىمائىي ھالەتلەر، جۇغراپىيىلىك مەنزىرىلەر، تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ۋە تاۋار ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى. تېلېۋىزىيە كىشىلەرنىڭ يېنىدىكى خەۋەر كۆزنىكى، سەنئەت گۈلزارى، بىلىم ئىسكىلاتى ۋە مۇلازىمەت مۇنبىرىگە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا
شەكلى رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki