UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكائىككىنچى قېتىملىق نۇرلاندۇرۇش

ئىككىنچى قېتىملىق نۇرلاندۇرۇش

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا - ئۇكىلار فىلىمدە دائىم بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئوپمۇ ئوخشاش، بوي - تۇرقىمۇ تەڭ كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ سۈرەتكە ئېلىشتا «باش ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى» نى ئىشلەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. بىر ئاكتيور بىلەن بوي - تۇرقى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئادەمنى بىر - بىرىگە قارىتىپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ھەتتا قولىنى بىر - بىرىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭدا باش قىسمىنىڭ ھەرىكىتى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى. ئاندىن ئاپپاراتنىڭ ئەينىكىگە بىر پارچە يۇمىلاق قارا قەغەز قويۇش ئارقىلىق ھېلىقى ئادەمنىڭ باش قىسمى توسۇۋېلىنىپ بىر قېتىم نۇرلاندۇرۇلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن پليونكا كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈش قارا قەغەز بىلەن توسۇۋېلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئاكتيورنىڭ باش قىسمى كۆرۈنگۈدەك كىچىك تۆشۈك قالدۇرۇلسىلا بولغىنى. ئاندىن ئاكتيور بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم نۇرلاندۇرۇلىدۇ. مۇنداق بولغاندا ئاكتيورنىڭ بېشى ئىككى رولنىڭ گەۋدىسىگە قوندۇرۇلىدۇ. نەتىجىدە، تاماشىبىنلار ئۇلارنى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر جۈپ قوشكېزەكلەر ئىكەن، دەپ چۈشىنىدۇ. يەنە بىر خىل «باش ئالماشتۇرۇپ» سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىمۇ بار. بۇنىڭدا ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ رەڭگىدىكى خالتا ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلۈپ، چىرايى توسۇلغان ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ باسقۇچلىرى ئاساسەن يۇقىرىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بېشى ھېلىلا ئۆز گەۋدىسىدە تۇرغان بىر ئادەمنىڭ بېشىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇياق - بۇياققا مېڭىشىدىن ئىبارەت ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل «بېشى يوق ئۆلمەس ئادەم» ۋەھىمىلىك فىلىملەردە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا
ئىككىنچى قېتىملىق نۇرلاندۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki