UyghurWiki
UyghurWikiكىنو ۋە پەن-تېخنىكاھەر تەرەپلىمە ماھارەتلىك كىنو ئاكتيورى

ھەر تەرەپلىمە ماھارەتلىك كىنو ئاكتيورى

كىنو ۋە پەن - تېخنىكا كىنو ئاكتيورىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى − ئۆزى بىلەن رول ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، يەنى بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ رولغا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت. كىنو ئاكتيورى مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بەدەن، بەش ئەزا ۋە ئاۋازىنى مەشىق ئارقىلىق تەربىيىلىشى، ئۆزىدە ھەر خىل ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. لاياقەتلىك ئاكتيور كۆپ تەرەپلىمە ماھارەتلىك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئات مىنىش، ماشىنا ھەيدەش، سۇ ئۈزۈش، ئېلىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، ھەر خىل روللارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولۇشى لازىم. ھەر تەرەپلىمە ماھارەتلىك ئاكتيور ئورۇنداش يولىنى راۋان كېڭەيتىپ، نەتىجە قازىنالايدۇ. پېرسوناژ ھېسسىياتىدىكى ئىچكى، ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەيدىغان بىر يۈرۈش ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، رولغا تېز كىرەلەيدىغان، ئۆزى بىلەن رولنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالايدىغان بولۇش ئاكتيورغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم. ئاكتيور مۇشۇنداق بولغاندىلا رولنىڭ خاراكتېرىنى توغرا ئىگىلەپ، خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان، ۋاقىت پەرقى چوڭراق بولغان ھەر خىل بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتالايدۇ. كىنو ئاكتيورى رولىنى تىياتىر ئاكتيورىدەك تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئورۇندىمايدۇ. كىنو ئاكتيورى رول ئالغاندا ئېكران، ئاپپاراتنىڭ توسقۇنلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشى، ئەمما يەنە تاماشىبىنلار قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى شەرت. مانا بۇ ئۇلاردىن رول ئالغاندا تېخىمۇ تەبىئىي، چىن، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئورۇنداش جەريانىدا ئۇلار رول ئېلىۋاتقان ئاكتيور ئەمەس، بەلكى پېرسوناژنىڭ ئەينى ئۆزى بولۇشى زۆرۈر. ئېشىپ كەتكەن، يالغان ئورۇنداشلارنىڭ ھەممىسى ۋەقەلىكتىن چەتنەشكە ئېلىپ بارىدۇ. كىنو ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى، ئاكتيورنىڭ ئورۇندىشى تەرتىپ بويىچە ئۇلىنىپ ماڭمايدۇ. شۇڭا، ئاكتيوردىن رولنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىگە دەرھال ئۆزگىرەلەيدىغان، قىسقىغىنە بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە ۋەقەلىك تەلىپىگە ماسلىشىپ رول ئالالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاكتيورلارنى كۆپلىگەن خىللارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇلار تەبىئىي قىياپىتى بويىچە ئورۇنداشنى ئاساس قىلىدىغان تەبىئىي قىياپەتلەر، خاراكتېر بويىچە ئورۇنداشنى ئاساس قىلىدىغان ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسىغا «چيۇڭ ياۋ فىلىملىرى» دە ساددا قىز رولىنى ئالىدىغان لىن چىڭشيا مىسال بولالايدۇ؛ كېيىنكىسىگە، ئورۇنداش يولى ئىنتايىن كەڭ، ھەر خىل تىپلارغا ماسلىشىپ رول ئالالايدىغان مېرىيىل سىچرىپ بىلەن خوفمەننى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماۋ زېدۇڭنىڭ رولىنى ئالىدىغان گۇ يۆ، جياڭ جيېشىنىڭ رولىنى ئالىدىغان سۇن فېيخۇ قاتارلىق ئالاھىدە تىپلىق ئاكتيورلارمۇ بار. ھەمىشە موماينىڭ رولىنى ئالىدىغان ۋۇيىن، كادىرنىڭ رولىنى ئالىدىغان لى رېنتاڭ قاتارلىقلارنىمۇ مەخسۇس تىپلىق ئاكتيور دېيىشكە بولىدۇ. بەزى رېژىسسورلار كەسپىي ئاكتيور بولمىغان كىشىلەرنىمۇ ھەر خىل روللارغا چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كەسپىي ئاكتيورلاردىنمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئىتالىيە فىلىمى «ۋېلىسىپىت ئوغرىسى» دا ئىشسىز قالغان ئىشچى باش رول ئالغانىدى. «شائوۋ» دا بولسا چاڭ شەنشەن باش رول ئالغان، يەنى بۇ فىلىمدىكى باش رول بىلەن «ئەسەبىي ئايال ناخشىچى» فىلىمىدىكى ئايال ناخشىچى رولىنى ۋالىبولچى بىلەن ناخشىچى ئورۇندىغان. بۇنىڭدا ئىشتىن سىرتقى ئاكتيورلارنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، فىلىمنىڭ بەدىئىي چىنلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار كىنو ۋە پەن-تېخنىكا
ھەر تەرەپلىمە ماھارەتلىك كىنو ئاكتيورى | UyghurWiki | UyghurWiki