كان خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
كان كىنو فېستىۋالى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور كىنو يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كىنو بازارلىرىنىڭ بىرى.1946
- يىل9 - ئاينىڭ20 - كۈنى فرانسىيە ھۆكۈمىتى گۈزەل ساياھەت جايى كان شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزدى، بۇنى فرانسىيە سەنئەت پائالىيەت جەمئىيىتى تەشكىللىدى، كېيىنچە فرانسىيە سانائەت مىنىستىرلىكى بىلەن سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.1948 - يىلى ۋە1950 - يىلى فېستىۋال ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى توختاپ قالدى،1968 - يىلى «ماي بورانلىرى» تۈپەيلى ئۆتكۈزۈلمەي قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر يىلى5 - ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى، مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولدى. كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئىلھام بېرىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇنەۋۋەر فىلىملىرىنى باھالاشتىن ئىبارەت.
كىنو فېستىۋالى مەزگىلىدە، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن30 ~40 ھېكايە فىلىم قويۇلىدۇ، بۇ فىلىملەر مۇسابىقە نومۇرلىرى ۋە مۇسابىقە سىرتىدىكى نومۇرلار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئەڭ ياخشى فىلىمگە بېرىلىدىغان ئالىي مۇكاپات «ئالتۇن پالما مۇكاپاتى» دېيىلىدۇ (دەسلەپكى نامى «ئالتۇن ئۆردەك مۇكاپاتى» ئىدى). ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئەر، ئايال ئاكتيورلار، ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، ئەڭ ياخشى مۇزىكا قاتارلىق مۇكاپاتلار، شۇنىڭدەك باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى سېنارىيە مۇكاپاتى، خەلقئارالىق مۇكاپات قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.1962
- يىلى «خەلقئارالىق ئوبزورچىلار ئۆمىكى» قۇرۇلۇپ، باھالىنىشقا كىرەلمىگەن فىلىملەر، يېڭى رېژىسسورلار ئىشلىگەن فىلىملەر، تەجرىبە خاراكتېرلىك فىلىملەر ئۈستىدىمۇ باھالاش ئېلىپ بېرىلغان.1967 - يىلى «رېژىسسورلار يېرىم ئايلىق تەتقىقات جەمئىيىتى» تەسىس قىلىنىپ، فىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، مۇزاكىرە ۋە تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن.1973 - يىلى «فرانسىيە كىنوچىلىقىنىڭ كېلەچىكى» ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى تەسىس قىلىنىپ، مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ فىلىملىرى باھالانغان.1978 - يىلى «غەيرىي كۆزقاراش» ئالماشتۇرۇش يىغىنى تەسىس قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان يۈزلىنىشلىك فىلىملەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، كىنو فېستىۋالىدا ھەر يىلى كىنو سودا بازىرىمۇ ئېچىلغان.
كىنو فېستىۋالى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، يەنە قەرەلسىز ھالدا »فرانسىيە كەسپىي مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى« ۋە »فرانسىيە كىنو پېشۋالىرى« نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەسىلەن،1953 - يىلى ئېيسېن ستېينغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى،1954 - يىلى گرىفىسكە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.1966 - يىلى «دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ70 يىللىقى كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلار ئېچىلغان. قىسمەن كىنو مۇخبىرلىرى يەنە ھەۋەس قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.1993
- يىلى46 - نۆۋەتلىك كان كىنو فېستىۋالىدا، جۇڭگولۇق رېژىسسور چېن كەيگې رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ھۆكۈمراننىڭ توقال خانىمى» ئالتۇن پالما مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇڭا، چېن كەيگې مۇشۇ خىل ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق ھېسابلىنىدۇ.