توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى1986 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا كىنوچىلار بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان كاتتا كىنو فېستىۋالى. بۇ كىنو فېستىۋالىدا ھېكايە فىلىملەر بويىچە مۇكاپاتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، باشقا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلەر ۋە ھەر خىل فىلىملەرنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۇنجى نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى بىلەن چىكۇبا پەن - تېخنىكا يەرمەنكىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا كىنولارنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇشتىن سىرت، كىنو ساھەسىدىكى زاتلار بىرلىكتە ياپونىيىلىك كىنو مۇتەخەسسىسى كۇرۇساۋا ئاكىرا رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «قالايمىقان» نى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان، «ياشلار كىنو مۇكاپاتى» نى باھالاپ بېكىتكەن.1987
- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا، ياش رېژىسسور يېڭى كىشىلەر مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ فىلىم كۆرگەزمىسى، خەلقئارا ئاياللار فىلىمى كۆرگەزمىسى، ھوللېۋودنىڭ100 يىللىق ئەسلىمە كۆرگەزمىسى، ياپونىيە كىنو كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان. جۇڭگولۇق رېژىسسور ۋۇ تيەنمىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «كونا قۇدۇق»، شۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، باش رول ئالغان جاڭ يىمو ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان. «كونا قۇدۇق» يەنە توكيو پايتەخت جىشى مۇكاپاتى ۋە كىنو ئوبزورچىلىرى ئالاھىدە مۇكاپاتى بولۇپ جەمئىي تۆت خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.