كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
بۇ، دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزاق كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى. فېستىۋال1946 - يىلى تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ1949 - يىلى تۆتىنچى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مارىئان ئارىشاڭىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.1950 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ كارلوۋىۋارىي ساناتورىيىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە ئۆزگەرتىلگەن.1953 - يىلى ۋە1955 - يىلى ئۆتكۈزۈلمىگەندىن سىرت، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.1959 - يىلىدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت،6 −7 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولغان.
ھەر نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىغا30 ~40 دۆلەت قاتنىشىپ، نۇرغۇنلىغان فىلىملەر قويۇلىدۇ. كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى − تىنچلىق ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئەخلاقسىز فىلىملەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق پائالىيەت تۈرلىرى باھالاپ مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش، كىنو قويۇپ كۆرسىتىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئەسلىمە كۆرگەزمىسى ئېچىش، كىنو بازىرى ئېچىپ فىلىم سېتىشتىن ئىبارەت.
كارلوۋىۋارىي كىنو فېستىۋالىنىڭ ئالىي مۇكاپاتى «خرۇستال يەر شارى ئۈلگىسى مۇكاپاتى». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باھالاش كومىتېتى ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە «لىدىتسې ئەتىرگۈل مۇكاپاتى» بار. لىدىتسې − چىخوسلوۋاكىيىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى.1942 - يىلى گېرمانىيە فاشىستلىرى بۇ يېزىنىڭ ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپ، پۈتۈن يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. كىنو فېستىۋالىنى تەشكىللىگۈچىلەر گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇشۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان. بۇ مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشى فىلىم، رېژىسسور، ئەر، ئايال ئاكتيور، سېنارىست، ئوپېراتور قاتارلىقلارغا ئايرىم - ئايرىم بېرىلىدۇ. جۇڭگو بۇ فېستىۋالغا1950 - يىلىدىن باشلاپ قاتناشقان ھەم كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ بالدۇر قاتناشقان كىنو فېستىۋالى.1988 - يىلى جۇڭگولۇق كىنو رېژىسسورى شيې جىن رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «فۇرۇڭ بازىرى» 26 - نۆۋەتلىك كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.