جۇڭگو كىنو ساھەسىدىكى «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى»
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
1981 - يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە توخۇ يىلى ئىدى. شۇ يىلى جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ مۇكاپاتلاشنى باشلىدى. ھەر يىلى5 - ئاينىڭ23 - كۈنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغان كىنو ئىجادىيەت خادىملىرىنى تەقدىرلەش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كىنو ئىجادىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئوبزورچىلىق خىزمىتى جانلىنىپ، كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مۇكاپاتقا «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» دەپ نام بېرىشتە «توخۇ چىللىسا، جاھان جانلىنار»، «ئالتۇن خوراز بېرەر تاڭدىن خەۋەر» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان. مۇكاپات بۇيۇمىمۇ ئالتۇن خوراز مودېلى.
«ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، سايلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. باھالاپ سايلاش كومىتېتى جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان جەمئىيەتتە تەسىرى چوڭ كىنو سەنئەتكارلىرى، كىنو ئوبزورچىلىرى، كىنو تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ25 تەك ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، شۇ يىلقى باھالاپ مۇكاپاتلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، تىياتىر فىلىمى قاتارلىق فىلىم مۇكاپاتلىرى، يەنە ئەڭ ياخشى سېنارىست، رېژىسسور، گۈزەل سەنئەت لايىھىلىگۈچى، كومپوزىتور، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كىيىمچىك، دېكوراتور قاتارلىق سەككىز خىل تاق تۈردىكى مۇكاپات تەسىس قىلىنغان. زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا ئالاھىدە مۇكاپات ۋە شەرەپ مۇكاپاتىمۇ قوشۇلىدۇ، بۇلار شۇ يىلى نامزات كۆرسىتىلگەن فىلىملەر ئارىسىدىن باھالاپ سايلىنىدۇ.