UyghurWiki
UyghurWikiكىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالىۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى 1932 - يىلى بېنىتو مۇسسۇلىن سۇ شەھىرى ۋېنتسىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى، كىنو خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىنو ستۇدىيىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئىدى. كېيىن، كىشىلەر ئۇنى «خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىدى. بۇ كىنو فېستىۋالى نادىر فىلىملەرنى باھالاپ تاللاش ۋە مۇكاپاتلاشتىن سىرت، يەنە كۆپلىگەن فىلىملەر (باشقا خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتلانغان ياكى تاللىنالمىغان فىلىملەر) نى قويۇپ كۆرۈش، ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش، كىنو بازىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى ۋېنتسىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ھەر قېتىمقىسىدا بىر تېما بولۇش − بۇ كىنو فېستىۋالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى1934 - يىلى ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم (2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەتتە يىل توختاپ قالغان)، كۆپىنچە سەككىز - توققۇزىنچى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى مۇكاپات تۈرلىرى: ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىمى مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئىتالىيە كىنوسى مۇكاپاتى، ئالاھىدە مۇكاپاتلاردىن ئىبارەت ئىدى.1946 - يىلىدىن كېيىن ئۇلارغا سان ماركو ئالتۇن شىر مۇكاپاتى، سان ماركو كۈمۈش شىر مۇكاپاتى قاتارلىقلار قوشۇلدى.1992 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋېنتسىيە كىنو فېستىۋالىدا، جۇڭگولۇق رېژىسسور جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «چيۇجۈنىڭ ئەرز قىلىشى» ئەڭ ئالىي مۇكاپات − ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا، شۇ فىلىمدە باش رول ئالغان ئاكتيور گۇڭ لى ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو كىنوسى ۋە جۇڭگو ئاكتيورىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋېنتسىيە كىنو فېستىۋالىدا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى