ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
ئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پەخرىي كىنو مۇكاپاتى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنو مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ساھەسى ھەمدە ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.1929
- يىل1 - ئايدا «كىنو سەنئىتى بىلەن ئىلىم - پەننى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش» ئۈچۈن، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ساھەسى بىلەن ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى «ئىنستىتۇت مۇكاپاتى» (ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ رەسمىي ئاتىلىشى) تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. شۇ يىلى5 - ئاينىڭ16 - كۈنى ھوللېۋودتىكى روزۋېلت مېھمانخانىسىدا تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي15 دانە ئالتۇن ھەيكەل تارقىتىلغان.
مىستىن ياسىلىپ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۇ ھەيكەل كىنو پليونكىسىنىڭ ئۈستىدە قىلىچ تۇتۇپ تىك تۇرغان باتۇر ئەزىمەتنىڭ ئوبرازى بولۇپ، دەسلەپتە ئىسمى يوق ئىدى.1931 - يىلىغا كەلگەندە ئىنستىتۇتقا يېڭىدىن كەلگەن ئايال كاتىپ بۇ ھەيكەلنى كۆرۈپلا تاغىسى ئوسكارنى ئەسلەپ ۋارقىراپ تاشلىغان، بىر مۇخبىر ئۇنىڭ سۆزىنى دەرھال گېزىتتە ئېلان قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ ھەيكەلنى «ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلى» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئالتۇن ھەيكەل ئىسىمغا ئىگە بولغان.
ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى بىرىنچى قاراردىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە (1930 - يىلى ۋە1933 - يىلىدىن سىرت) ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىپ كەلمەكتە. ھەر يىلى ئۈچىنچى ئاي ئەتراپىدا ئالدىنقى بىر يىللىق كىنو ۋە شۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش بەلگىلەنگەن. باھالاپ تاللاش ۋە مۇكاپات تارقىتىشقا ئىنستىتۇت تەشكىللىگەن مەخسۇس باشقۇرۇش كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدا13 شۆبە جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان، ئۇلار فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمئىيىتى، رېژىسسورلار جەمئىيىتى، سېنارىستلار جەمئىيىتى، ئاكتيورلار جەمئىيىتى ۋە ئوپېراتورلار جەمئىيىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باھالاپ تاللاش ئىسىم كۆرسىتىش ۋە بېلەت تاشلاشتەك ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئالدى بىلەن ھەرقايسى جەمئىيەتلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بەش (ياكى بەشتىن ئاز بولغان) نامزاتنى تاللاپ چىقىدۇ، ئاندىن ئىنستىتۇت ئەزالىرى (نۆۋەتتە تەخمىنەن3200 ئادەم) بېلەت تاشلاپ، ئەڭ ياخشى فىلىمنى تاللاپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئاكتيور، رېژىسسور، سېنارىست، ئوپېراتور قاتارلىقلارنى سايلاپ چىقىدۇ. باھالاش مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئېچىلغاندا، رىياسەتچى تەرىپىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېچەت ئېچىلىپ مۇكاپاتلىنىدىغان ئىسىملىك ئېلان قىلىنىدۇ.
ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى باشتىن - ئاخىر ئامېرىكا ھوللېۋودنىڭ داغدۇغىلىق بايرىمى بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق بۇ مۇراسىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارقىتىدۇ. مۇراسىمدا تارقىتىلىدىغان مۇكاپات تۈرى23 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور ۋە ئەر ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىدىن باشقا، يەنە ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كىيىم لايىھىلىگۈچى، ئەسلىي ئاپتورى، ئۆزگەرتكەن سېنارىست، مۇزىكا سەپلىگۈچى، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كۆرۈش سېزىم ئۈنۈمى، كومپوزىتور، ئاۋاز مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە كىنو ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان پېشقەدەم ئاكتيورلار ۋە كىنو خادىملىرىغا بېرىلىدىغان »ئالاھىدە مۇكاپات« ھەمدە بەلگىلىك ساندىكى تولۇقلاپ بېرىش مۇكاپاتىمۇ بار. مەملىكىتىمىزنىڭ كومپوزىتورى سۇسۇڭ «ئاخىرقى پادىشاھ» فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئوسكار مۇزىكا ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەملىكىتىمىزنىڭ رېژىسسورى جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان «قىزىل پانۇس ئېسىلدى» بىلەن «چيۇجۇنىڭ ئەرز قىلىشى» دېگەن فىلىملەر65 -،66 - نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.