غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى
غەربىي بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ياۋروپادا تەسىرى ئەڭ چوڭ ئۇنېۋىرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى. فېستىۋالغا ئالفرېد پائۇل ئاساس سالغان. بۇ كىنو فېستىۋالى1951 - يىلى غەربىي بېرلىندا مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە، مۇددىتى ئىككى ھەپتە. مەقسىتى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى قويۇپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا كىنو خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كىنونىڭ تارقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
كىنو فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم ۋە قىسقا فىلىملەرنى باھالاش ھەمدە ھېكايە فىلىم، ئۇزۇن ھۆججەتلىك فىلىم، قىسقا فىلىم، كارتون فىلىملەرنى قويۇپ كۆرگەزمە قىلىشتىن ئىبارەت. ھەر قېتىمدا قويۇلىدىغان ھەر خىل فىلىملەرنىڭ سانى200 ~300 گە، بەزىدە500 گە يېتىدۇ؛ ھەربىر دۆلەت ۋە رايون ئوخشاش خىلدىكى فىلىملەردىن پەقەت بىرنىلا تەمىنلەيدۇ؛ يىغىن سىرتىدا قويۇلىدىغان فىلىملەرنىڭ ھەربىر خىلى سەككىز فىلىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كىنو فېستىۋالى مەزگىلىدە كىنو خادىملىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، يېڭى كىنو سۆھبەت يىغىنى، ياشلار كىنو مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى مەلۇم دۆلەت ۋە رايون ئۈچۈن ۋەكىل خاراكتېرلىك كىنولارنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى ئېچىلىپ، كىنوچىلىقتىكى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئېقىم ئۈستىدە مۇھاكىمە - ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا كىنو بازىرىمۇ تەسىس قىلىنىپ كىنو سودىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالى ئەسلىدە6 −7 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلەتتى، كېيىن فرانسىيە كان كىنو فېستىۋالى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن1978 - يىلىدىن ئېتىبارەن ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈپ2 −3 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇكاپات تۈرلىرى: ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتى، كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى، خەلقئارالىق باھالاش كومىتېتى مۇكاپاتى، باھالاش كومىتېتى ئالاھىدە مۇكاپاتى، خاتىرە مۇكاپاتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، قىسقا فىلىم ۋە رېژىسسور، ئەر، ئايال ئاكتيور قاتارلىقلار ئۈچۈن ئايرىم - ئايرىم تەسىس قىلىنغان.
مەملىكىتىمىز1975 - يىلىدىن بېرى بۇ كىنو فېستىۋالىغا ھەر يىلى فىلىم قاتناشتۇرۇپ كەلمەكتە.1982 - يىلى گۈزەل سەنئەت فىلىمى «ئۈچ راھىب» ئەڭ ياخشى سېنارىست كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.1988 - يىلى جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «قىزىل قوناقلىقتا» ئەڭ ياخشى ئۇزۇن ھېكايە فىلىم ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، مەملىكىتىمىز ھېكايە فىلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولدى. ئاتاقلىق رېژىسسور چېن كەيگې1989 - يىلى غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالاش كومىتېت ئەزالىقىغا سايلاندى. شۇ يىلى ۋۇ زىنيۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «كەچلىك قوڭغۇراق» كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.1990 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ رېژىسسورى شيې فېي رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئۆز تەقدىرىنىڭ يىلى» 40 - نۆۋەتلىك غەربىي بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.